كۆيۈكنىڭ ئىلاجى

مەنبە : كۈنتاج تورى يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 756 يوللانغان ۋاقىت : 2016/12/26
elan

كۆيۈك يارىسىنىڭ ئىلاجى: توخۇنىڭ تېرىسىنى سويۇپ، قىزىق ھالەتتە كۆيۈك يارىسىغا تاڭغاندا، ئېچىشىشنى يوقاتقىلى ۋە ھەرقانداق جاراھەتنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

كۆيۈكنى داۋالاش مەلھىمى: ئاياللار چېچىنىڭ كۆمۈرىدىن 20 گرام. زاراڭزا چېچىكىدىن 100 گرام، كىرپە تېرىسىنىڭ كۈلى 100 گرام، قۇمۇش پۆپۈكى 50 گرام، توخۇ تۇخۇمىنىڭ 20 دانە سېرىقىنىڭ يېغى، قارچىغا سۆڭىكىنىڭ كۈلى 5 گرامدىن ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ. بەدەن سىرتىدىن يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. قايناقسۇدا ۋە ئوتتا كۆيگەن جاراھەتلەرگە پايدا قىلىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى، تېزلىكتە ئاغرىق توختىتىدۇ، تارتۇق قالدۇرمايدۇ.

ئادەم بەدىنى ئوت، قايناق سۇ ياكى قىزىق ياغدا كۆيۈپ قالغاندا، ئوسما، تۆمۈر دېتى ياكى قوغۇشۇننى تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن قوشۇپ چېپىش، تۇخۇم سېرىقىنى كالا ماسكە يېغى بىلەن قوشۇپ چېپىش لازىم، بۇنىڭ بىلەن كۆيۈكنى تېز داۋالىغىلى بولىدۇ.

ئاق قۇچقاچنىڭ مېڭىسى ۋە سۆڭەكلىرىنى كۆيدۈرۈپ، قۇرۇق قومۇشنىڭ يىلتىزىنى سوقۇپ تاسقىغاندىن كېيىن، بۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئېغىز چايقىغان سۇ بىلەن نەمدەپ، كۆيۈك يارىسىغا سالغاندا، ياخشى پايدا قىلىدۇ.

بەدەن ئوتتا كۆيگەندە، شېشىنى ئېزىپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تىلا قىلىپ چېپىپ بەرگەندە، كۆيۈك يارىسى تېز ساقىيىدۇ.

 بەدەن ئوتتا ياكى سۇدا كۆيۈپ قالغاندا مۇرداسەنگىنى ئېزىپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى، كالا يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ بەرگەندە، كۆيۈك يارىسى تېز ساقىيىدۇ.

 بەزىدە ئۆزىڭىز بىپەرۋالىق قىلىپ پۇتىڭىزغا قايناق سۇ تۆكۈۋالسىڭىز، بىر تۇخۇمنى چېقىپ ئېقىنى ساقىتىۋېتىپ، سېرىقىنى كۆيگەن يەرگە سۈركەڭ. ئاغرىق چاپسان بېسىلىدۇ ۋە چاپسان ساقىيىدۇ.

 توخۇنىڭ سۆڭىكىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كۆيۈككە سەپكەندە، كۆيۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

 يەرلىك ئورۇننى 2 سەر سۈپەتلىك ئاچچىقسۇ بىلەن يۇيۇلىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاغرىق پەسەيتىش، ۋە قاپارتقۇ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

مەنبەسى: قولۇمدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تېبابىتىگە دائىر قوليازما ئەسەرلىرىدىن ھەمدە ئۆزەم توپلىغان نۇسخلاردىن تاللاپ تەييارلىغان.
 

Elan 250
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى