جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ 6 تۈرلۈك پايدىسى

مەنبە : كۈنتاج تورى يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 3458 يوللانغان ۋاقىت : 2016/10/30
elan

جىنسىي ھەۋەس ئىنسانلارنىڭ بىر خىل تەبىئىيلىكنىڭ ئىپتىدائىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئادەملەرنىڭ پسىخىكا ۋە روھىي تەلىپى بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرۇش ۋە ھۇزۇرلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جىنىس جانلىقلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، ئەمما ئادەممۇ يۇقىرى ساپالىق ئىجتىمائىي ھايۋان، توي قىلىش، ھامىلدار بولۇش، قورساق كۆتۈرۈش، تۇغۇش ۋە جىنسنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. جىنسىي مۇھەببەتنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىققا بولغان ياردىمىنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:

جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ 6 تۈرلۈك پايدىسى

1. جىسمانىي، روھىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ: بەزى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەيدىغانلار تاماكا چېكىپ، ھاراقنى كۆپ ئىچىپ، روھى چۈشكۈنلىشىش، قەلبىدە مەنىسىزلىك ھېس قىلىدۇ، جنسىي مۇھەببەت ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، روھىي جەھەتتىن قانائەتلەندۈرۈپ، تۇرمۇشنى جانلاندۇرۇپ، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
 
2. ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئازابىدىن خالاس قىلىدۇ: جىنسىي ھەۋەسنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمىغاندا ياكى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا، ئوڭايلا ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا شېرىن جىنسىي مۇھەببەت بولۇپ مۇڭدىشىپ ياتقاندا، ئىككى تەرەپ شېرىن ئۇخلاپ، ياخشى چۈش كۆرىدۇ.
 
3. كېسەل ئازابىنى يەڭگىللىتىدۇ: ئەگەر سىز ئاشقازان، دۈمبە نېرۋىلىرى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، ئاسپىرىننىڭ ئەلۋەتتە ئۈنۈمى بولىدۇ، لېكىن جىنسي مۇھەببەتنىڭ روھلاندۇرۇشى مېڭىگە تەسىر قىلىپ، بىر خىل(ئەندوفىن) دېگەن خىمىيىۋى ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىلىپ، نېرۋا ئاغرىشقا ئوخشاشلا ئۈنۈمى بولۇپ، يەنە ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى دېيىشكە بولىدۇ.
 
4. تېرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق: دانىخورەكلەر كىشىنى ئىنتايىن بىزار قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا يېمەك-ئىچمەكتە شېكەر، ماي، يۇقىرى ئاقسىللىق ئوزۇقلۇقلارنى تەڭشەشتىن باشقا، جىنسىي مۇھەببەتمۇ بولىدىغان تەدبىرلەرنىڭ بىرسى. جىنسىي روھلىنىش قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى تەڭشەپ، تېرىنى ياخشىلايدۇ.
 
5. جىنسىي مۇھەببەت جىددىيلىكنى بوشاشتۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ: كەيپىياتنى كونترول قىلالمىغاندا، جىنسىي مۇھەببەت جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ؛ روھىي بېسىم ئادەمنى جىددىيلەشتۈرگەندە جىنسىي مۇھەببەتنىڭ ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە بوشاشتۇرۇش رولى بولىدۇ.
 
6. جىنسىي مۇھەببەت ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ. شۇڭا، ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي مۇھەببىتى ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ. نورمال، قانۇنىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىدىغان جىنسىي تۇرمۇش جىسمانىي روھىي ساغلاملىققا كۆپ ياردەم بېرىدۇ.
Elan 250
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى