ئۆزبېك چولپانلار بالىلىقىدا ئىشەنگەن قىزىقارلىق يالغانلار

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 2351 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

ھەممە ئادەم بالىلىقىدا مۆجىزىگە ئىشىنىپ ياشايدۇ، بۇنىڭغا كىچىلىكىمىزدىكى تەسەۋۋۇر كۈچىمىز، چوڭلارنىڭ ئېيتقان ھېكايىلىرى سەۋەب بولغان. 1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلارنى قوغداش كۈنىگە بېغىشلانغان سوۋغا سۈپىتىدە مەشھۇرلارنىڭ بالىلىقىدا ئىشەنگەن، چوڭ بولغاندا يالغانلىقىنى بىلگەن ئىشلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى سۇنىمىز.

«شاھرۇھخان بىزنىڭ تۇغقىنىمىز»

شېرىن، ناخشىچى:-بالىلىقىمدىن تارتىپ ھىندى چولپان شاھرۇھخان بەك ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ فىلىملىرىنى كۆرۈپ پەقەت زېرىكمەيتتىم. مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىمنى بىلگەن يەڭگەم «شاھرۇھخان بىز بىلەن تۇغقان كېلىدۇ، يېقىندا ئۆزبېكىستانغا كېلىدۇ، ئۆيگىمۇ چاقىرىمىز، كېيىن بىللە ھىندىستانغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ كېلىمىز» دېگەنىدى. شۇ چاغدا شۇنچىلىك خۇرسەن بولدۇمكى، خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆزۈمگە كېلەلمەي، ھەتتا شۇ ئىشلارنى چۈشۈمدە كۆرۈپ چىقتىم. شۇ ۋاقىتتا بەك تەسىر قىلىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك، ھازىرمۇ راستتىنلا تۇغقان بولۇپ قالغان بولساق-ھە دەپ قالىمەن.

«سېنى تۇغۇت ئۆيىدە ئالماشتۇرۇپ قويغان»

فەرھاد، ناخشىچى:-ئائىلىمىزدە تۆت ئاچام تۇغۇلۇپ، ئۇزۇندىن كېيىن تۇغۇلغان ئوغۇلمەن. بالىلىقىمدا ناھايىتى قىزىققاق بالا ئىدىم. ئانامغا:«ئاچىلىرىمغا ئوخشىمايدىكەنمەن ھە» دېسەم، ئانام:«ھەئە، سېنى تۇغۇت ئۆيىدە ئالماشتۇرۇپ قويۇشقان، شۇڭا سەن ئۇلارغا ئوخشىمايسەن» دېگەنىدى. قاراڭ، خېلى ئۇزۇنغىچە بۇ گەپكە ئىشىنىپ يۈردۈم. لېكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە مۇشۇ ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىمنى بىلەتتىم. شۇ ۋاقىتتىكى ساددىلىقىمنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ.

«سۈرەتلەرگە جان كىرىشكە ئىشەنگەنتىم»

شۆھرەت ئۆمەر، ناخشىچى:-مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا يازلىق تەتىلنى ھاممامنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزدۈم. ھويلىنىڭ تاملىرىغا ھەرخىل فىلىملەر ۋە فىلىملەردىكى قەھرىمانلارنىڭ سۈرەتلىرى چاپلانغانىدى. نىنجا، لى شىياۋلوڭ قاتارلىقلار ھەقىقىيدەكلا كۆرۈنەتتى. ئۇ ۋاقىتتا 7 ياشتا ئىدىم، نەۋرە ئاچام «كېچىدە بىز ئۇخلاۋاتقاندا سۈرەتلەر تىرىلىپ، بىزنى قوغداپ تۇرىدۇ» دېگەنىدى. ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، ئۈچ كۈن ھەممەيلەن ئۇخلىغاندا ئۇلارغا جان كىرىشىنى كۈتكەنتىم.

«ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئەخمەق قىلىشىغا ئۇچرىغان»

ئەزمەت ئەھرار، ئارتىس:-بالىلىقىمدا تەرتىپسىز، ھەممە نەرسە بىلەن ھەپىلىشىپ باقىدىغان شوخ بالا ئىدىم. مەكتەپتە ھەممە ئوقۇتقۇچى مەندىن بىزار ئىدى. ھازىر قانچە ياش ۋاقتىملىقى ئېسىمدە يوق، ئەمما ياشراق بىر ئوقۇتقۇچىمىز «5» نومۇر قويۇپ بېرىمەن دېگەن گېپىگە ئالدىنىپ قالغانتىم. دەرستە كەپسىزلىك قىلىۋەرگەچكە مۇئەللىم :«ئەزىمەت، دەرسكە قاتناشمىساڭمۇ مەيلى، 5 نومۇر قويۇپ بېرىۋېرىمەن» دېگەنىدى، مەن بالىلىق قىلىپ راستتىنلا دەرسكە كىرمىگەن. نەتىجىدە كۈتۈلگەن 5 نومۇر ئورنىغا 2 نومۇرنى كۆرۈپ، ئەخمەق بولغىنىمنى بىلگەنىدىم.

«ئوكۇل بىلەن قورقىتىشاتتى»

باتۇر يامىنوۋ، ناخشىچى:-ئاتا-ئانامنىڭ ئەركە بالىسى ئىدىم. نەگىلا بارسا بىللە ئەگىشىۋالاتتىم. ئانام دائىم مېنى ئۆيدە قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن «دوختۇرغا بارىمىز» دەيتتى. ئوكۇلدىن قورقىدىغانلىقىمنى ياخشى بىلەتتى-دە! سەل ئېسىمنى بىلگۈچە ئانامنىڭ بۇ گېپىگە راستتىنلا ئىشىنەتتىم. كېيىن بىلسەم، مېنى ئالداپ قويۇپتىكەن (كۈلكە). مېنىڭچە كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئالداپ تۇرىدۇ. قىزىممۇ ئەگەر ئەگىشىپ تۇرىۋالسا، مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشىم مۇمكىن.

«دادامنىڭ سىرىنى بىلەتتىم»

رۇخسانە:-كىچىكلىكىمدە مىلاد بوۋايغا قاتتىق ئىشىنەتتىم. لېكىن ئۈچ يېشىمدا دادام مىلاد بوۋاينىڭ كىيىمىنى كىيىپ ئۆيگە كەلگەندە شىمىدىن تونۇپ قالغانتىم. مىلاد بوۋاينىڭ ئەسلى باشقىلار ئويلاپ تاپقان قەھرىمان ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا بىلگەنتىم. شۇ ھەقىقەتنى بىلىۋالغان يېڭى يىل ئاخشىمىدا «ئانىجان، مىلاد بوۋاي دادامنىڭ شىمىنى كىيىۋالدىمۇ؟» دەپ سورىغانتىم. ئانام مېنى ئالداشقا تىرىشقان. كېيىنكى يىلى مىلاد بوۋاي دادامنىڭ ئايىغىنى كىيىپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىن گۇمانىمنىڭ توغرىلىقىنى بىلدىم. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەر قېتىم يېڭى يىل كەلسە دادام قاچان مىلاد بوۋاي بولۇپ كېلەركىن، دەپ كۈتۈپ ئۆتەتتىم.

«ھەممە مەشھۇرلار چوڭ ئانامنىڭ بالىسى ئىدى»

شادىيارە ئامانوۋا، ئۇسسۇلچى:-بالىلىقىمدا رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا پايتەخىتتىن ناخشىچىلار كېلىپ، ئويۇن قوياتتى. مەلۇم سەۋەب بىلەن بۇ ئويۇننى كۆرەلمەي قالدىم، چوڭ ئانام «ئۇ مېنىڭ بالام، ھازىر ناخشىنى ئېيتىپ بولۇپ، ئۆيىمىزگە كېلىپ ساڭا ئالاھىدە ناخشا ئېيتىپ بېرىدۇ» دېدى. مەن ھەم ئىشىنىپ سەنئەتكارلارنى راستتىنلا كۈتۈپ ئولتۇرۇپتىكەنمەن.

«خاسىيەتلىك ئادەم بولماقچى ئىدىم»

مەئمۇر سۇلتانوۋ، «بايان» گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى:-بالىلىقىمدا كىنودىكى قەھرىمانلارنى ھەقىقەتەن مەۋجۇت دەپ ئىشىنەتتىم. «خاسىيەتلىك ئادەم» بىلەن «شەپەرەڭ پالۋان» نى بەك ياخشى كۆرەتتىم. ئۆزۈمچە ئەگەر ئادەم چىن كۆڭلىدىن ئىشەنسە ئاشۇ قەھرىمانلارغا ئايلىنالىشى مۇمكىن دەپ ئويلايىتتىم. ھەتتا بىر قېتىم «سېھىرلىك» پىلاشىمغا ئورىنىپ، تامدىن سەكرەپ باققان. يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يالغانلىقىنى چۈشەنگەنتىم.




Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى