ھىندىستاندا زاۋۇتنىڭ قورشاۋ تېمى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 8 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1324 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭى دېھلىدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان  ھىماچال ئۆلكىسى (Himachal Pradesh) دىكى مەلۇم زاۋۇتنىڭ قورشاۋ تېمى 7-چېسلا كۈنى توساتتىن گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ۋەقەدە 4 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ئادەم قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا 15 ئادەم يارىلانغان.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقە  ھىماچال ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شىملا (Shimla) دىن تەخمىنەن 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بادىد بازىرىدا يۈز بەرگەن. يېقىندىن بۇيان توختىماي ياغقان قارا يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، نامراتلار رايونىغا يانداش زاۋۇتنىڭ قورشاۋ تېمى توساتتىن گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، نامراتلار كەپىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 8 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقەدە يارىلانغان يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغان. قىسمەن يارىدارلارنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋەقەدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر نۆۋەتتە بۇ ۋەقەنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى