جەنۇبىي ئافرىقا بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 8 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1701 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگە قەدەر، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ غەربىي كەپ ئۆلكىسى (Western Cape) بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بوران-چاپقۇندىن كېلىپ چىققان ھەر خىل ئاپەتلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ 8 كىشىگە يەتكەن، نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئۆي-ماكانى زىيانغا ئۇچرىغان. زۇڭتۇڭ زۇما (Zuma) نىڭ ئەسلىدە 6-ئاينىڭ 7-كۈنى غەربىي كەپ ئۆلكىسىدىن دۇربان (durban) غا ئاخبارات ۋاستىلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشقا بارىدىغان مەخسۇس ئايروپىلانىمۇ بوران-چاپقۇن سەۋەبلىك ئۇچالماي قالغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى سەپەر پىلانى ئامالسىز ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

يەرلىك مىترولوگىيە تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوغۇق ئېقىم كەلتۈرۈپ چىقارغان سوغۇق فرونت جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ غەربىي كەپ ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلغان ھەم 7-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. 7-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشكە قەدەر، بىر ئائىلىدىكى تۆت جان كىشى چاقماق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىرەيلەن ئۆي گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن قازا قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئايدېن (Ayden) شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر شەھەردىكى بىر جۈپ دېھقان ئەر-ئايال ۋە ئۇلارنىڭ بالىسىمۇ بوران-چاپقۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتىدە قازاغا يولۇققان.

بۇ قېتىمقى بوران-چاپقۇن سەۋەبىدىن دەل-دەرەخلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ قاتناش توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بەزى ئايرودروم ۋە ۋوگزاللارمۇ بوران-چاپقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش (قونۇشى) بىكار قىلىنىپ، نۆۋەتچى پويىزلارمۇ كېچىكتۈرۈلگەن.




Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى