بىرازىلىيەدە يىلدا 700 مىڭ قېتىم ئىشتا يارىلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلىدىكەن

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1479 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

بىرازىلىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك، بىرازىلىيەدە ھەر يىلى 700 مىڭ قېتىم ئىشتا يارىلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلىدىكەن، بۇ سان يەر شارى بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا جۇڭگو،ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيە باركەن. 

بىرازىلىيەدىكى «بىرازىلىيە پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە، بىرازىلىيەدە جەمئىي 3 مىليون 500 مىڭ قېتىم ئىشتا يارىلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلۈپ، 13 مىڭ 363 ئادەم قازا قىلغان. بۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى دۆلەت ئىشتا يارىلانغانلارغا 22 مىليارد 171 مىليون رېئال(رېئال بىرازىلىيەنىڭ پۇل بىرلىكى، 1 رېئال تەخمىنەن 1.775 يۈەنگە تەڭ) (تەخمىنەن 38 مىليارد 799 مىليون يۈەن) سەرپ قىلغان. بۇ پۇل داۋالىنىش ياردەم پۇلى، مېيىپلىق ياردەم پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۇبادا، بىرەسمىي خىزمەت ئورنىدىكى ئىشتا يارىلىنىشنى قوشۇپ قالسا، بۇ سان ھەتتە 40 مىليارد رېئالغا يېتىدىكەن. 

ئەمگەك مىنىستىرلىقى خىزمەت مۇھىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى José Damلsio de Aquino تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى، بىرازىلىيەدە ئىشتا يارىلىنىش ۋەقەسىنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىشتا يارىلىنىش ئەھۋالى بەكلا ئېغىر بولماقتا، گەرچە 2014-، 2015-يىلى بۇ خىل ئەھۋالدا ئازراق ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بىر-ئىككى يىللىق ئۆزگىرىش ئومۇمىي يۈزلىنىشنى ئۆزگەرتەلمەسلىكى مۇمكىن. بىزنىڭچە، بۇ خىل ئەھۋال كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن». 

ئىشتا يارىلىنىش ۋەقەسى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان ساھە قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەت ساھەسىكەن، قۇرۇلۇش ساھەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتى 2009-يىلى ئېلان قىلىنغان، شۇ يىلى قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 395 ئادەمگە يەتكەن، بىراق بۇ سان ھازىر تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنكەن. خىزمەتتە ئۆلۈپ كېتىدىغان، ياكى مېيىپ بولۇپ قالىدىغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى شوپۇرلاركەن، بۇنىڭ ئىچىدە يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. 2010-يىلدىن بېرى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلدا 15 مىڭ قېتىم يۈك ئاپتوموبىلغا مۇناسىۋەتلىك قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ھەر تىلى 1500 ئادەم قازا قىلغان. 

نۆۋەتتە، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ۋە بىرازىلىيە ئەمگەك مىنىستىرلىقى ھەمكارلىشىپ بىر تور بېكەت قۇرۇپ چىققان، ئۇلار مۇشۇ تور بېكەت ئارقىلىق بىرازىلىيەدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلغان. تور بېكەت ئىشتا يارىلانغان ئادەم سانى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن جاي، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەننەرخى، ۋەقە تۈرى قاتارلىقلارنى ئەمەلىي دوكلات قىلىدىكەن. 

تور بېكەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرسى بولغان Luis Fujiwara تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەلۇماتلار ئىنتايىن مۇھىم، بۇنداق قىلغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى سىياسەت تۈزۈپ چىقىش ئارقىلىق ئىشتا يارىلىنىش ۋەقەلىرىنى ئازايتىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ نەچچە مىليارد رېئال زىيان پەيدا قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى». 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى