شى جىنپىڭ قازاقىستان تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1984 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan


‹‹جۇڭگو–قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە ئارزۇنى قاناتلاندۇرايلى››

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا ‹‹قازاقىستان ھەقىقەت گېزىتى››دە ‹‹جۇڭگو – قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە ئارزۇنى قاناتلاندۇرايلى›› دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

6 – ئاي كىرىشى بىلەن تەبىئەت تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىردى. مۇشۇنداق گۈزەل پەسىلدە، زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قازاقىستاندا ئۈچىنچى قېتىم زىيارەتتە بولماقچىمەن ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى ۋە ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشماقچىمەن. قازاقىستاننىڭ بىپايان گۈزەل ئوتلاقلىرى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالىرى، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلىرى، قىزغىن ۋە سەمىمىي خەلقى مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانىدى، مەن بۇ گۈزەل تۇپراققا قايتا قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، قەلبىم نۇرغۇن ئارزۇ – ئۈمىدلەرگە تولدى.

بۇ يىل جۇڭگو – قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. بىر ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا تەڭ مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە، جۇڭگو – قازاقىستان مۇناسىۋىتى ۋاقىت ۋە خەلقئارادىكى بوران – چاپقۇنلارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقىچە، شۇنداقلا مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى ۋە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقىچە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى. ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە يېقىندىن ماسلاشتى ۋە ھەمكارلاشتى.

جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق سودا ۋە سېلىنما ھەمراھىنىڭ بىرى، جۇڭگونىڭ قازاقىستانغا سالغان مەبلىغى 42 مىليارد 800 مىليون دوللاردىن، بەرگەن قەرز پۇلى 50 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. 2017 – يىلى 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى %45.6تىن ئاشتى. قازاقىستاننىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئۇن، ئۆسۈملۈك يېغى، سويا پۇرچاق، گۆش، ھەسەل قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ داستىخىنىغا چىقتى. ئىككى تەرەپ ئورتاق بېكىتكەن 51 ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق تۈرى قازاقىستاننىڭ سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى قوللاش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو – قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسىدا جۇڭگوغا جەمئىي 100 مىليون توننا نېفىت، جۇڭگو – قازاقىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدا جۇڭگوغا جەمئىي 183 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلدى، ئىككى تەرەپ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، فوتوۋولتلۇق توك چىقىرىش قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە ھەمكارلىق تۈرى ئۈستىدە پائال كېڭىشىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەپتىدە 50 نەچچە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدۇ. 2016 – يىلى جۇڭگونىڭ قازاقىستاندىن ئۆتىدىغان جۇڭگو – ياۋروپا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى 1200دىن، جۇڭگو – قازاقىستان تۆمۈريولىنىڭ توشۇش مىقدارى 8 مىليون 200 مىڭ توننىدىن ئاشتى، كونتېينېرلىق توشۇش مىقدارى ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى. بۇ يىل 2 – ئايدا قازاقىستان بۇغداينى جۇڭگو ئارقىلىق تۇنجى قېتىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئېكسپورت قىلدى.

جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. 2016 – يىلى ئىككى دۆلەت كىشىلىرىنىڭ بېرىش – كېلىشى 500 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە، جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچى 14 مىڭغا يەتتى. قازاقىستان بەش كۇڭزى ئىنستىتۇتى، يەتتە كۇڭزى دەرسخانىسى تەسىس قىلدى، قازاقىستان جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۆت مەدەنىيەت مەركىزى قۇردى. قازاقىستانلىق ناخشىچى دىماشنى جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىلىدۇ. ‹‹جۇڭگو تائاملىرى››، ‹‹ۋېنجۇلۇق بىر ئائىلە كىشىلىرى›› قاتارلىق جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان قازاقىستان ئائىلىسىگە كىردى.

2013 – يىلى قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان چېغىمدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم، بۇنىڭ بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىقىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى. تۆت يىلدىن بۇيان، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى بىرلىكتە بەرپا قىلىش تەشەببۇستىن تەدرىجىي ئەمەلىي ھەرىكەتكە، ئاڭدىن ئەمەلىيەتكە، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەن دۇنياۋى جامائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندى.

ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشىلىش داۋامىدا ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، تەرەققىيات مەسىلىسى يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بىزگە مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئالدىنقى ئايدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر بىردەك: خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە بىر – بىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى.

بۇ قېتىم قازاقىستاننى زىيارەت قىلىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپەم زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو – قازاقىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو – قازاقىستان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش. بىز جۇڭگو – قازاقىستاننىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش يولىنىڭ تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ راۋان بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

بىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. پورت، قاتناش، ئەشيا ئوبوروت ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئاسىيا – ياۋروپا قۇرۇقلۇق چوڭ كۆۋرۈكى، جۇڭگو – ئوتتۇرا ئاسىيا – غەربىي ئاسىيا ئىقتىساد كارىدورى ۋە ‹‹غەربىي ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول›› تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۆزئارا بېرىش – كېلىش، ئالاقە ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تېخىمۇ جانلىق ۋە ئۈنۈملۈك بولغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو – قازاقىستان ھەمكارلىق تۈرلىرىنى قوللىشىمىز كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى جۇڭگو – قازاقىستان ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى تەرەپ بۇرۇن بېكىتكەن ئالدىنقى باسقۇچلۇق نەتىجىلىك تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى بويىچە سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا قارشى تەرەپتە تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

يۇقىرى تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو – قازاقىستان ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو – قازاقىستاننىڭ ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش، بىرلىكتە ئالىي مەكتەپ قۇرۇش، كىنو – تېلېۋىزىيە ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە تونۇشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پۇقرالىرىنى قازاقىستانغا ساياھەت ۋە ئېكسكۇرسىيەگە بېرىپ، ‹‹بۈيۈك ئوتلاق دۆلىتى››نىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك ئېڭىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، تور بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغدىشىمىز كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش بويىچە ئىككى تەرەپلىك خەۋپسىزلىك كاپالىتى مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ۋە چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى، ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

خەلقئارا ۋە كۆپ تەرەپلىك ساھە ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ب د ت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ 2017 – ، 2018 – يىللىق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

مېنىڭ بۇ قېتىم قازاقىستاندىكى يەنە بىر مۇھىم كۈنتەرتىپىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانا باشلىقلار كېڭىشىگە قاتنىشىش. بۇ يىل ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى›› ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇق – قوشنىدارچىلىق – ھەمكارلىق شەرتنامىسى›› ئىمزالانغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. ئۇزاقتىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەر بۇ ئىككى مۇھىم ھۆججەتتە بېكىتىلگەن ئاساسىي مەقسەت ۋە پىرىنسىپلارغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، زەھەر ھەمدە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قەرەللىك ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا ھەمكارلىق تېزىسى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 2025 – يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئىمزالاپ ۋە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ياشلار، سەھىيە، پەن – تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئۆزئارا دوستلۇق، ھەمكارلىقىنى پايدىلىق ياردەمچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

قازاقىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئاستانا باشلىقلار كېڭىشىدە، ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم ئەزا كۆپەيتىش مۇساپىسىنى تاماملاش توغرىسىدا مۇھىم قارار چىقىرىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كېيىنكى قەدەملىك تەرەققىياتىغا مۇستەھكەم ئاساس سالىدۇ. جۇڭگو بۇ قېتىمقى باشلىقلار كېڭىشىدىن كېيىن نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، قازاقىستان ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئاستانا باشلىقلار كېڭىشىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇشۇ رايوندىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىدۇ.

2017 – يىللىق ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، ‹‹كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە›› باش تېمىسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېشىل، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ‹‹يېشىل يىپەك يولى›› بەرپا قىلىش تەشەببۇسىغا ناھايىتى ئۇيغۇن كېلىدۇ.

جۇڭگو قازاقىستاننىڭ بۇ قېتىمقى دۇنيا كۆرگەزمىسىنى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو سارىيىدا ‹‹سۈنئىي قۇياش›› يادرو يىغىلىشى، ئوقپويىزنى تەقلىدىي ھەيدەش بۆلۈمى قاتارلىق ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار كۆرگەزمە قىلىنىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى تەشەببۇس قىلىنىپ، يېشىل تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتى تەقدىم قىلىنىدۇ. ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمەن!

قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋنىڭ ئالاھىدە رەھبەرلىكىدە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ساقلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە بەخت كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، دۇنيادىكى رىقابەت كۈچى كۈچلۈك 50 دۆلەت قاتارىغا كىرىپ، ‹‹قازاقىستان مۆجىزىسى››نى ياراتتى.

قازاقىستان ھازىر ئۈچىنچى قېتىملىق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹پارلاق يول›› يېڭى ئىقتىساد سىياسىتى، ‹‹2050 – يىل ئىستراتېگىيەسى››، ئىجتىمائىي ئاڭنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قازاقىستان خەلقى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ‹‹قازاقىستان ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو خەلقىمۇ ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشماقتا. ئورتاق ئۈمىد، ئورتاق ئارزۇ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى بىر – بىرىگە زىچ باغلىدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوخشاش ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ ئىشلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى روياپقا چىقارماقتا.

ئىشىنىمەنكى، سەمىمىي بولۇپ، ئىرادىمىزدىن قايتمىساقلا، جۇڭگو – قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە ئارزۇيىمىزنى قاناتلاندۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالالايمىز!

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-06/08/content_603586.htm?lang=uy



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى