رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندىكى زىيارىتى «بىر بەلباغ بىر يول»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1528 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

 «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەلگە زىيارەتكە چىقىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەشەببۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان جايغا بارىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نەزەربايېفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 7-ئىيۇندىن 10-ئىيۇنغىچە قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى ۋە ئاستانە مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا ئۈچىنچى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، ئۇدا بەشىنچى يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى بولىدۇ، بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ مەقسىتى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا-ياۋروپا رايون ھەمكارلىقىنى چىڭىتىش، ئۇ شۇنداقلا يەنە «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىك سەپىرى، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىي سەپەر بولىدۇ.

2013-يىلى 9-ئايدا، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان يېڭى دەۋرىنى ئاچقان ئىدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە ئىشىنىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى.

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا جۇڭگو بىلەن تارىختىن قېپقالغان چېگرا مەسىلىسىنى ئالدى بىلەن تەلتۆكۈس ھەل قىلىشتىن تارتىپ جۇڭگو بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئەڭ بالدۇر قانات يايدۇرۇش، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇشقىچە، جۇڭگو-قازاقىستان نېفىت-تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى بارلىق كەسىپ زەنجىرى ئەندىزىسىدە جۇڭگو نېفىت كارخانىلىرى چەتئەللەردە ھەمكارلىشىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىشتىن تارتىپ، قازاقىستاندىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتى، كۇڭزى دەرسخانىسىنىڭ سانى ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇشقىچە... زۇڭتۇڭ نەزەربايېف ئېيتقاندەك، تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقان قازاقىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى «ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى»گە ئايلانماقتا.

ھازىر قازاقىستان جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى، ئاسىيا-ياۋروپا رايونىدىكى بىرىنچى چوڭ تاشقى مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشى، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، يېڭىلىق يارىتىش، پەن-تېخنىكا، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى جانلانماقتا، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا.

دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ نەزەربايېف ئون نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. بۇ قېتىمقى قازاقىستان زىيارىتى «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشى بولىدۇ، بۇ دەل جۇڭگو-قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقىغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەنە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە زۇڭتۇڭ نەزەربايېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشىدۇ ھەمدە بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا ئىگە قىلىدۇ.

بۇ يىل جۇڭگو بىلەن قازاقىستاندا خۇشاللىنارلىق ئىشلار ئۈزۈلمىدى. قازاقىستان «كەلگۈسى ئېنېرگىيە» باش تېمىسىدىكى مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، تەكلىپكە بىنائەن بۇ مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، بۇ ھەم قازاقىستاننىڭ كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشىنى كۈچلۈك قوللىغانلىق، ھەم جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە، بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر كۆرگەزمىگە قاتنىشىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەت سارىيى بولغان مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق جۇڭگو سارىيى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشكە تولۇق كىرىشتى.

جۇڭگونىڭ قازاقىستاندىكى سابىق باش ئەلچىسى جاڭ شىيۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئەمەلىي ئىش قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناھايىتى مۇستەھكەم، ھەم يۈكسەكلىك، ھەم مەزمۇن بار. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ سىياسىي ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ ھەمدە «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ كەلدى، 16 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى داۋامىدا، ئەزا دۆلەتلەر «شاڭخەي روھى»نى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-ياۋروپا رايون ھەمكارلىقىدىكى رولىنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دۇنيانىڭ دىققىتىنى بارغانسېرى جەلپ قىلدى. بۇ قېتىمقى ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدا ئەزا كۆپەيتىش ۋە جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم يارقىن نۇقتا بار.

2015-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇفا باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەر ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىشنى باشلىدى. بۇ قېتىمقى ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدا، پاكىستان بىلەن ھىندىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي كىرىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۇنجى قېتىملىق ئەزا كۆپەيتىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، دۇنيادا زېمىنى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ، يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلاتقا ئايلىنىدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالىموفنىڭ قارىشىچە، ئەزا كېڭەيتكەندىن كېيىنكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى-شىمالىي قۇتۇپ بىلەن ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان، شەرقتە جۇڭگونىڭ ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، غەربتە رۇسىيەنىڭ كالىنىنگىرادقا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ھالقىغان تەشكىلاتقا ئايلىنىدىكەن، بۇ خىل چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ھالقىش خاراكتېرى-بۇ تەشكىلاتنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان رايونى، جەنۇبىي ئاسىيا ھەم ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۈگۈنگە ئايلاندۇرىدىكەن.

يىغىندا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش قارشى ئېلىنىپ، كەلگۈسى پىلانلىنىدۇ. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار گەۋدىلىك بولماقتا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى خېيىم-خەتەر، خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم يېتەكچىسى ۋە تۈرتكۈچىسى بولغان جۇڭگو رەھبىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىدا قانداق يۆنىلىش خاراكتېرلىك تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ يىل-«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى شۇنداقلا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى ۋە كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى. جۇڭگو ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەم 2018-يىلى باشلىقلار يىغىنى ئاچىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ نۆۋەتچى رەئىس بولغان مەزگىلدىكى خىزمەتلىرىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە.

جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىقى-بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر جايلاشقان رايون بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم رايون ھېسابلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم قازاقىستانغا قىلىدىغان سەپىرىدە، قوش تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپا، ئاسىيا رايونىغا يۈزلىنىپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش-بۇنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىنىدۇ.

قازاقىستان-يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ جۇڭگودىن غەربكە قاراپ سوزۇلغان تۇنجى بېكىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاش بىلەن نۇرلۇق يول يېڭى ئىقتىساد سىياسىتىنى تۇتاشتۇردى. دەسلەپتە ھاسىل قىلىنغان 51 ئالدىنقى باسقۇچلۇق تۈردىن يىلبويى ئېچىلىدىغان بەش چېگرا ئېغىزى، نېفىت، گازنى چېگرا ھالقىپ يەتكۈزىدىغان بەش تۇرۇبا، چېگرا ھالقىغان ئىككى تۆمۈريول غول لىنىيەسى، بىر خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىغىچە، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئاستانە يېنىك رېلىسىنى ياتقۇزۇش، قازاقىستان كوچىلىرىدا چېپىپ يۈرگەن جۇڭگو ئاپتوموبىللىرىدىن جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قازاقىستاننىڭ ئۇن، ياغلىرىنى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ داستىخېنىغا يەتكۈزۈشكىچە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى بارغانسېرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، بىر بەلباغ، بىر يولنى تەڭ قۇرۇش-چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش، ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى.

جاڭ شىيۈننىڭ قارىشىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىغا قاتناشقاندىن كېيىن قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى رولىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

يېقىندا قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىردەك يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنى «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر قاسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى نامايەن قىلدى. قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاجىيېۋ مۇنداق دەپ قارىدى: «بىر بەلباغ بىر يول» ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە ئىستىقبالى ئېچىپ بەردى، بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق.

ئەمەلىيەتتە «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىقى تەشەببۇسى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون ھەمكارلىق مېخانىزمى بىر بىرىگە پۇرسەت بولىدۇ، ئۆزئارا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «بىر بەلباغ بىر يول»قۇرۇلۇشى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشى قاتارلىق رايون ھەمكارلىق تەشەببۇسى ھەمدە قازاقىستاننىڭ «پارلاق يول» قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم سۇپىسى. «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى دەسلەپتە نەتىجىگە ئېرىشىشتە ئوتتۇرا ئاسىيادا يىلتىز تارتقان غايەت زور تۈرلەرنىڭ ھەممىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

2016-يىلى ئىيۇندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشكەنت باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو مەزكۇر رايون ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدا پائال رول ئوينىشى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاستانە باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» رامكىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە چوڭقۇر كېڭىشىدۇ.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى سۈن جۇاڭجى مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى تىنچ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش. دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئارىسىدا ھەمكارلىشىدىغان، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان بىر خىل ياخشى مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈش، بىر خىل يېڭىچە قىممەت زەنجىرى ۋە مەنپەئەت زەنجىرى ئورنىتىپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

رەئىس شى جىنپىڭ قەدىناس دوستلار بىلەن كۆرۈشىدۇ، ھەمكارلىق ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ، كەلگۈسىنى پىلانلايدۇ. ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى زىيارىتى رايون ھەمكارلىقىنى يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلەيدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

 

مەنبە: http://www.uycnr.com/xwzx/zdxw/201706/t20170606_1147003.html



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى