دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ھەققىدە تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1040 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن جۇڭگو-چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا قازاقىستانغا قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى ۋە ئاستانە مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى لى خۇيلەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ-جۇڭگو بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى چەتئەل زىيارىتى، بۇ يىل جۇڭگونىڭ قازاقىستان ۋە ئاسىيا، ياۋروپا رايونىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگونىڭ قازاقىستان قاتارلىق ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: قازاقىستان-جۇڭگونىڭ دوست قوشنىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى، جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى. بۇ يىل دەل جۇڭگو-قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، بۇ-رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىم قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇشى شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ نەزەربايىف بىلەن 16-قېتىم كۆرۈشۈشى.

لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ نەزەربايىف ئۆتكۈزىدىغان يۈرۈشلۈك دۆلەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرىگە، جۈملىدىن قارشى ئېلىش مۇراسىمى، كىچىك دائىرىلىك ۋە چوڭ دائىرىلىك سۆھبەت، ئىككى تەرەپلىك ھۆججەتلەرنى ئىمزالاش مۇراسىمى، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، كۈتۈۋېلىش زىياپىتى قاتارلىقلارغا قاتنىشىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش، بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، جۇڭگو-قازاقىستان بىرلەشمە باياناتىنى بىرلىكتە ئىمزالايدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئاسىيا، ياۋروپا چېگرا ھالقىغان تىرانسىپورتنى باشلاش مۇراسىمىنىڭ ۋىدىيودا كۆرسىتىش پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق بىرلەشمە تىرانسىپورت ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىگە شاھىت بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.

زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە زۇڭتۇڭ نەزەربايىفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاستانە مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە-بۇ قېتىمقى مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى بولىدۇ، جۇڭگو مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى كۆرگەزمىخانىنى ئاچىدۇ. لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى-ھەم قازاقىستاننىڭ دۇنيا كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇشىنى زور دەرىجىدە قوللىغانلىق ھەم خەلقئارا ئېنېرگىيە، بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ھەم ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى نامايان قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تېرىشىشى ئارقىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

بۇ يىل-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، ھىندىستان بىلەن پاكىستان پات ئارىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش تەرتىپىنى تاماملاپ بولۇپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەم 2018-يىلى باشلىقلار يىغىنى ئاچىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك خىزمىتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: جۇڭگو بۇ قېتىمقى ئاستانە باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە سىرتقا بىردەك سادا چىقىرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور رول ئويناشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق باش تېمىسى مۇنداق: بىرىنچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى، ۋەزىپىسى، ئىستىقبالىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ئىككىنچى، خەلقئارا ۋە رايون مۇھىم مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش. رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن يۇقىرىقى قارالمىلارنى چۆرىدەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى خىيىم-خەتەر، خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىدۇ.

لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: جۇڭگو شاڭخەي روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۆز ئارا ئىشەنچىنى پۇختىلاپ، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، تاشقى ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ئالاقىدار خىزمەت تەسەۋۋۇرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىرلىكتە تېرىشىپ تۈرتكە بولىدۇ.

لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئاستانە خىتابنامىسىنى ئىمزالايدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ، يىغىن ئاخبارات دوكلاتى ئېلان قىلىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى قاتارلىق ھۆججەتلەر ھەم ھىندىستان، پاكىستانغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلىتىلىك ئورنى بېرىش قاتارلىق قارارلارنى ئىمزالايدۇ.

باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە يىغىنغا قاتناشقان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

 

مەنبە: http://www.uycnr.com/zt/qgxwlb16/gnxw16/201706/t20170606_1146975.html



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى