مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 902 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى ۋە مىللىي يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ

 جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى ۋە مىللىي يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 ئەسقەت كەرىمباي دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇردى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلۇقىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئىنكاس قىلىپ، ئالاقىدار نىزاملارغا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھۆرىگۈل جاپپار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى ۋە مىللىي يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ جېنلەي، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى باۋ كېشىن ھەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يىغىنغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى، مىللەت – دىن ئىشلىرى كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-06/07/content_603417.htm



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى