ھىندىستاننىڭ كانچىلىق ماگناتى چوڭ توسما خادا تاش ئەتراپىدىن كۆمۈر قازماقچى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1019 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستاننىڭ كانچىلىق ماگناتى ئادانى 6-ئىيۇن ئاۋستىرالىيە چوڭ توسما خادا تاش ئەتراپىدىكى كۆمۈر كاننى قېزىش تۈرىنى رەسمىي باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 16 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ھازىرغىچە ھىندىستان كارخانىلىرىنىڭ ئاۋستىرالىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ تۈرى، قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر كانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادانى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، ھىندىستانلىق مىلياردېر گائۇتام ئادانى شۇ كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ شەرقىي شىمالدىكى شەھىرى Townsvilleدا يۇقىرىدىكى ئۇچۇرنى جاكارلىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىركەت مۇدىرىيىتى «ئەڭ ئاخىرقى مەبلەغ سېلىش قارارىنى چىقىرىپ بولغان»، بۇ armichael كۆمۈر كان تۈرى «رەسمىي باشلانغانلىقى»نىڭ بەلگىسى ئىكەن.

ئادانى يەنە بۇ كۆمۈر كان تۈرى ھىندىستاننىڭ ئېنېرگىيە قىسچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

armichael كۆمۈر كانى Queensland ئىشتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھىرى كلېرمونتنىڭ غەربىي شىمالىدىن تەخمىنەن 160 كىلومېتىرلىق جايدا. ئادانى شىركىتى قېزىلغان كۆمۈرنى 189 كىلومېتىرلىق تۆمۈر يول ئارقىلىق پورتقا توشۇپ ئاندىن ھىندىستانغا توشۇشنى پىلانلىدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، armichael كۆمۈر كان تۈرىدە كۆپ تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلگەن، ئاۋستىرالىيەدىكى يەرلىك سىياسەت ۋە قانۇنلارنىڭ كۆپ خىل چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن بۇرۇن 7 يىل سۆرۈلۈپ ئىجارە توختامىغا بۇلتۇر ئېرىشكەن.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، armichael كۆمۈر كانى Queensland ئىشتاتىنىڭ گالىلې ئويمانلىقىدا بولۇپ، ئادانى شىركىتى 250 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە ئالتە كان قېزىش نۇقتىسى ۋە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ يەر ئاستى كان نۇقتىسى قۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئادانى شىركىتى بىلەن Queensland ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى كان ئېچىش ئىجازىتى ئىشلىتىش پۇلى توغرىسىدا بىرلىككە كەلدى، كۆمۈر كاننىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك قۇرۇش خىزمەتلىرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلىنىشى مۇمكىن.

كۆمۈر كان بار جاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مارجان خادا تاشلىرى رايونىدىكى چوڭ توسما خادا تاشلارغا يېقىن بولغانلىقتىن مۇھىت ئاسراش تەشەببۇسچىلىرى تۈرنى باشلاشقا قاتتىق قارشى تۇرۇپ كەلگەن، چوڭ كۆلەملىك كۆمۈر كان ئېچىش دۇنيانى يەنىمۇ ئىللىتىپ، چوڭ كۆلەمدە ئاقىرىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن چوڭ توسما خادا تاشلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى يەنىمۇ ناچارلاشتۇرىدۇ دېگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھىت ئاسراش تەشەببۇسچىلىرىنىڭ 6-ئىيۇن ئېيتىشىچە، ئادانى شىركىتى كۆمۈر كان تۈرىگە مەبلەغنى قانداق تەمىنلەيدىغانلىقىنى تېخى ئاشكارىلىمىغان، ھازىر كۆپلىگەن بانكا بۇ تۈرگە قەرز بېرىشنى رەت قىلغان. 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى