BLK: خەلق پۇلى بولسا ئاسىيا پۇللىرىنىڭ سىجىل ئۆسىشىدىكى ئاچقۇچ

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1062 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

سىنا تورى 6-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دوللىرى بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئاسىيا پۇللىرى گۈللەنگەن، ئەمما كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى يەنىلا: خەلق پۇلى.
ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە جۇڭگو پۇلىنىڭ كۈچلۈك ئۆسۈشى بازارنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ، ئاسىيا پۇللىرىنىڭ سەردارى بولۇپ قالدى؛ خەلق پۇلىنىڭ بۇ قېتىمقى تەدبىر بەلگۈلىگۈچىلەر يېتەكچىلىكىدىكى ئۆسۈشى ئىلگىرىكى چېكىنىش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىدى. بۇ ئاسىيا پۇللىرىنىڭ ئۆسىشىگە پايدىلىق بولدى، مالايسىيا رىڭگىتى، تايلاند باختى قاتارلىق پۇللار نەچچە ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقىپ، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كېلەر ھەپتە ئۆسۈم ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پۇل سىياسىتىنىڭ يەنە مۈجمەللىككە پېتىپ قالىدىغانلىق مۆلچەرىنى ئەكىس ئەتتۈردى.
BLKنىڭ سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق ئاسىيا كرېدىت مەسئۇلى نىراج (Neeraj Seth): «تاشقى پېرېۋوت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئاسىيانىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم  ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ» دېدى. خەلق پۇلىنىڭ ئۆسىشى «بىزنىڭ ئاسىيا پۇل سىستېمىسى ھازىر تېخىمۇ مۇقۇملاشتى دېگەن كۆز-قارىشىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى». BLK بولسا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ فوند باشقۇرۇش شىركىتى. 

 خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى 2015-يىلى شىددەت بىلەن چۈشۈپ، ئاسىيا پۇللىرىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە خەلق پۇلى ئاسىيا پۇللىرىنىڭ غەم- غۇسسە مەنبەسى بولماستىن، بەلكى ئاسىيا بازىرىنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئايلاندى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى ھەمدە رايونلار ئىچىدە دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكلىكىدىكى ئالدىنقى ئورنىنى ئىگەللىدى.
ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا،  نىراجنىڭ قارىشىچە، خەلق پۇلى تېخىمۇ مۇقىم ئىكەن. ئۇ: «بۇ قىممەتنىڭ يەككە يۆنىلىشلىك ئۆسىشى بولۇشى ناتايىن، بەلكى خەلق پۇلىنىڭ مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ساقلىشى مۇمكىن، بۇ ئېنىقكى ناھايىتى كۈچلۈك بىر تىرەك» دېدى.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى