بوي ئېگىزلىكى 2.3 مېتىر كېلىدىغان بالىنىڭ NBA چولپىنىغا ئايلىنىش ئارزۇسى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 2146 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاككو فال ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئېگىز «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ» ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 2.3 مېتىر كېلىدىغان تاككونىڭ بويى يەنە داۋاملىق ئۆسىۋاتىدۇ.

ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىلگىرى يەككە مەيداندا 44 نومۇر، 17 گاردىن قايتقان توپنى ئېلىشتەك نەتىجىسى بىلەن ھەر قايسى مەكتەپلەردە نام قازانغان.

تاككو NBAنىڭ ماھىر تاللاش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆل ئادىمى كوماندىسىدا توپ ئويناشنى، كەلگۈسىدە خۇددى كوبىغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تاككونىڭ ۋاسكېتبول مەيدانىدىكى نامى خېلىلا مەشھۇر بولۇپ، تېخنىكىسىنىڭ مۇكەممەللىكى كەسپىي ماھىرلاردىن قېلىشمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۇنىڭدا بوي ئېگىزلىكىدىن ئىبارەت ئىنتايىن ياخشى ئەۋزەللىكى بار.

مەلۇم بىر مەستانە تاككونىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى سىزدى.

تاككونىڭ 2.3 مېتىرلىق بوي ئېگىزلىكى گارغا يېتىپ ئاشىدۇ.

ئۇ ئۆسمۈر ۋاسكېتبولچىلار گۇرۇپپىىسدا پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 1-ئېگىز شەرىپىگە ئېرىشكەن.

تاككو ئىزچىل NBAگە كىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ مەخسۇس مەشقاۋۇلنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىىسىگە قوشۇلغان تەبىئىي شارائىتى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى