مېسسى بارسېلونادىكى بارلىق سەپداشلىرىنى توي مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1541 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

نۇر تورى تەرجىمىسى: 

6-ئاينىڭ ئاخىرىدا مېسسى قىز دوستى ئانتونىلا بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېسسى بارسېلونا كوماندىسىدىكى بارلىق سەپداشلىرىنى توي مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلغان. 

6-ئاينىڭ 30-كۈنى مېسسى ئۆزىنىڭ يۇرتى روسارىئودا ئانتونىلا بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئۇ توي مۇراسىمىغا بارسېلونادىكى بارلىق سەپداشلىرىنى تەكلىپ قىلىپلا قالماي، سابىق سەپدىشى شاۋىنىمۇ تەكلىپ قىلغان. 

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مېسسى شاۋىنىڭ توي مۇراسىمىغا ئوخشاش بارسېلونا يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلمىغان. ئۇ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ سابىق ئىككى رەئىسى لاپورتا ۋە روسېلنىڭ زىددىيىتىدىن چەتنىمەكچى بولغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا، تەكلىپ قىلىنمىغانلار ئارىسىدا يەنە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ سابىق مەشقاۋۇلى ئېنرىك ۋە ياردەمچى مەشقاۋۇل ئۇنزۇئېمۇ بار ئىكەن. 

مېسسى يەنە مېھمانلارنىڭ تويلۇق سوۋغات ئەكەلمەي، شۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ فوندىغا ئىئانە قىلىشىنى ئۇقتۇرغان. 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى