بىر يىل، بىر ئاي، بىر كۈندە تۇغۇلغان، ساۋاقداش ھەم خىزمەتداش بىر جۈپلەر توي قىلدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1029 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

بىر جۈپ ئەر-ئايال بار، ئۇلار بىر يىل، بىر ئاي، بىر كۈندە تۇغۇلغان، يۇرتداش، ساۋاقداش، پارتىداش، خىزمەتداش، شۇنچىۋالامۇ ماس كەلگەن بارمۇ؟

6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خېنەندىكى بىر جۈپلەرنىڭ تويى مانا مۇشۇنداق ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولغان.

 ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى كىشىنىڭ تولىمۇ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ، غوجايىنىمۇ چاقچاق قىلىپ: «كېيىنچە سىلەر ئوخشاش بىر كۈندە توي قىلىپ، ئوخشاش بىر كۈندە پەرزەنتلىك بولۇڭلار» دەپ قوياتتى.

بۇ بەختلىك بىر جۈپلەرنىڭ ئىسمى ياڭ جاۋشۇەن ۋە شاڭ يۈنجيې بولۇپ، 1991-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇلار يۇرتداش بولۇپ، ھازىر بىر ئاپتوموبىل سېتىش شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. بۇلتۇر «20-5» (سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن مەنىدە) كۈنىدە توي خېتى ئالغان بولۇپ، بۇ يىل 8-ئىيۇندىلا توي قىلدى. يىگىت بەكلا قاملاشقان، قىز تولىمۇ نازاكەتلىك ئىدى. ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىلا باشلانغان ئىدى. ياڭ جاۋشۇەن شاڭ يۈنجيېنىڭ تال-تال چاچلىرىنى كۆرۈپلا ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى. ياخشى كۆرۈش بولغانىكەن، ئۇنداقتا ھەرىكەتمۇ بولۇشى كېرەك. سىنىپتا ئۆگىنىشتە 1-بولغان ئوقۇغۇچىلار ئورۇننى ئۆزى خالىغانچە تاللىيالايتتى، شۇنىڭ بىلەن ياڭ جاۋشۇەن ساۋاقداشلىرى بىلەن كېلىشىۋېلىپ، شاڭ يۈنجيېنىڭ ساۋاقدىشى بولۇۋالدى. يەنە تۇغۇلغان كۈنىدە كۆپچىلىكنى كەمپۈت يېيىشكە تەكلىپ قىلدى، ئۇلار ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا تۇغۇلغان بولغاچقا، كۆپچىلىك ئۇلارنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

قەلبىدىكى نازىنىن بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا تۇغۇلغانلىقى سەۋەبلىك، ياڭ جاۋشۇەن پۇرسەت تېپىپ، بىر ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى ئىشلىتىپ،  ئۇنىڭغا چوڭ بىر قاپ شاكىلات سوۋغا قىلدى، شۇ سەۋەبلىك بىر ئاي ئىچىدە تەييار چۆپ يەپلا كۈن ئۆتكۈزدى.

تولۇق 2-يىللىقتا سىنىپ ئايرىلغاندا، ئۇلار باشقا سىنىپلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ياڭ جاۋشۇەن مەكتەپتە ئاشىقىنىڭ سايىسىنى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ شاڭ يۈنجيېنى كۆپرەك ئۇچرىتىشنى، كۆپرەك پاراڭلىشىۋېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئۇلارنىڭ دەسلەپكى تونۇشۇشى كىنولاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ۋەقەلىككە ئوخشايدىغان بولۇپ، ياخشى كۆرۈش يەنىلا ئىزىدا قالدى، ئۇلار يەنىلا ئوقۇشنى مۇھىم دەپ بىلدى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، تاكى تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققۇچە ئۇ قەلبىدىكى ئاشىقىنى ئەسلەپ تۇردى.

ياشلىق باھارى ئاخىرلىشاي دېگەندە ئۇر ئىككىسى يەنە بىر قېتىمىقى خىزمەت ئورنىدا ئۇچرىشىپ قالدى. تەقدىر ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتۇردى. ئەمدى ئۇلار چوڭ بولدى، يۈرەكلىك ھالدا توي تەكلىپىنى قويىشالايدىغان بولدى.

2014-يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە «7-ئىيۇل» (توقۇمىچى قىز ۋە پادىچى يىگىت ئۇچرىشىدىغان ۋاقىت، دېھقانلار كالېندارى بويىچە «ئاشىق-مەشۇقلار كۈنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ، بۇلتۇر «20-5» كۈنىدە توي خېتى ئېلىپ، بۇ يىل 8-ئىيۇندا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇلارنىڭ ئاجايىپ قىسمىتىگە نىسبەتەن، ياڭ جاۋشۇەن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مەندىن ئىككى سائەت بۇرۇن تۇغۇلغان، شۇڭا مەن ئۇنى قوغلىشىش ئۈچۈن ئارقىدىنلا بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولغان، مەن ئىككىمىزنى ئالدىنقى ئۆمرىمىزدىمۇ ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولساق كېرەك دەپ ئويلاپ قالىمەن.»

مانا، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولغان تويى باشلىنىش ئالدىدا، ياڭ جاۋشۇەن مۇخبىرلارغا: «ئالدىنقى ئۆمرىمىزدىمۇ بىز بىر جۈپلەردىن ئىدۇق، بۇ ئۆمرىمىزدىمۇ يەنە بىرگە بولدۇق، ئەگەر كېيىنكى ئۆمرىمىز بولۇپ قالسا يەنە بىللە بولىمىز!»

قېنى ھەممەيلەن بۇ بىر جۈپلەرنىڭ تويىنى مۇبارەكلەيلى!



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى