نەنجىڭ تاموژنىسى يانۋاردىن مايغىچە پاش قىلغان ئەتكەسچىلىك دېلوسى 1525 پارچىغا يەتتى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 925 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى نەنجىڭ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەخسۇس ئەتكەسچىلىككە بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، نەنجىڭ تاموژنىسى پاش قىلغان ئەتكەسچىلىك دېلوسى 1525 پارچىغا، دېلوغا چېتىشلىق ئەتكەسچىلىكنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 341 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن. «چەت ئەل ئەخلىتى»، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى، بايلىق خاراكتىرلىق مەھسۇلاتلار، نۇقتىلىق باجغا چېتىشلىق تاۋارلار، زەھەر ۋە قورال-ياراغ قاتارلىق 5 چوڭ ساھە بۇ قېتىمقى ھەركەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان بولۇپ، بۇندىن كېيىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ۋە خەلق ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان «چەت ئەل ئەخلىتى» گە قارىتا، شۇ جايدىكى تاموژنا تارماقلىرى سانائەتتىكى كېرەكسىز ماتېرىياللار، ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇقلار، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، كېرەكسىز سۇلياۋ قاتارلىقلارغا قارىتا نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەركىتىنى قانات يايدۇرغان.  2016-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، جەمئىي 1000 توننىدىن كۆپرەك ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن ئىمپورت قىلىنغان كېرەكسىز سۇلياۋ تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قېلىنغان.
بۇنىڭ ئىچىدە، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو تاموژنىدا ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش ئىدارىسى بىر تۇتاش تەشكىللىگەن «چەت ئەل ئەخلىتى» نى ئەتكەس قىلىشقا مەخسۇس زەربە بېرىش «كۆك ئاسمان» بىرلەشمە ھەرىكىتىدە، نەنجىڭ تاموژنىسى سەككىز ھەرىكەت گۇرۇپپىسى چىقىرىپ، چىڭداۋ، خاڭجۇ، شېنياڭ قاتارلىق ئورۇنلاردا باشقىلارنىڭ ئىجازەتنامىسىدىن پايدىلىنىپ كېرەكسىز سۇلياۋ ئەتكەسچىلىك قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈش مەركەزلەشتۈرۈپ تور يىغىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەت جياڭسۇ، شەندوڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردا قاتتىق تاشلاندۇق ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان جىنايەت گوروھىنى بىر يولىلا تارمار قىلغان.
خەي تاۋ، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ئۈندىدار سودىسى قاتارلىق يېڭى سودا ئۇسۇللىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز سادىر بولىۋاتقان باجغا چېتىشلىق تاۋار ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىغا قارىتا، شۇ جايدىكى تاموژنا تارماقلىرى خەۋپ-خەتەرنى ئانالىز قىلىپ، قاراتمىلىقى بولغان ساھەلەردە، شايكا تىپلىق ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان.
2016-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، نەنجىڭ تاموژنىسى ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش ئىدارىسى 112 نەپەر ساقچىنى ئىشقا سېلىپ، گۇاڭجۇ ۋە جياڭسۇ ئۆلكىسى ئىچىدىكى ليەنيۈنگاڭ، شۈجۇ قاتارلىق جايلاردا تور يىغىش ھەرىكىتىنى ماس قەدەملىك قانات يايدۇرۇپ، خرۇستال ئەتكەس قىلىش جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 23 نى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما  315 مىليون يۈەنگە، باجغا چېتىشلىق سومما 80 مىليون 700 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئۇزاق مۇددەت ليەنيۈنگاڭ قاتارلىق چېگرا ئېغىزىغا ئىمپورت قىلىنغان خرۇستال ئەتكەس قىلىش شايكىسىدىن 10 نى بىتچىت قىلغان.
ئۇندىن باشقا، قورالغا، زەھەرگە، ئەتىۋارلىق ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇلاردىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئەتكەس قىلىشقا چېتىشلىق دېلولار ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان. شۇ جايدىكى تاموژنا تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاق ۋە پوچتا يوللانما بۇيۇملىرى، مال توشۇش يوللىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ج خ تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتكەن.  

2016-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، شۇ جايدا پاش قىلىنغان زەھەر ئەتكەسچىلىك جىنايى ئىشلار دېلوسى 6 پارچىغا، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قولغا چاتقال ئوتى 7519 گىرامغا، كەندىر 3498 گىرامغا يەتكەن. دېلو تۇرغۇزۇپ بېجىرىلگەن قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئەتكەس قىلىشقا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار دېلوسى 10 پارچىغا يىتىپ، ئەتكەس يەل مىلتىقتىن 7نى، تەقلىدىي قورالدىن 19نى، پىل چىشى بۇيۇملىرىدىن 64 نى قولغا چۈشۈرگەن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى