ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ ماڭلىيىدىكى قىزىل سۇرۇقنىڭ مەنىسى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 5498 يوللانغان ۋاقىت : 2016/12/26
elan

نۇرغۇن ھىندىستانلىق ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئىككى قاشنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا قىزىل رەڭلىك يۇمىلاق سۇرۇق سۈرىۋالغان.. ھىندىستاندا كىشىلەر ئۇنى «گان-گان» دەپ ئاتايدۇ. جۇڭگولۇقلار بولسا ئۇنى «قۇتلۇق سۇرۇق» دەپ ئاتايدۇ.

ھىندىستاندا، ئاياللارنىڭ ماڭلىيىدىكى يۇمىلاق سۇرۇق ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدۇ. ھىندىستانلىقلار توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، پەقەت يىگىت كېلىننىڭ پېشانىسىگە بۇ «قۇتلۇق سۇرۇق»نى سۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، توي مۇراسىمى ئاندىن ئاخىرلىشىدۇ. بۈگۈنكى ھىندىستاندا، قۇتلۇق سۇرۇقى، دىن، كېلىپ چىقىشى، ئىجتىمائىي ئورنىنى ئايرىمايدۇ. ئاياللارنىڭ گىرىم ۋە ھۆسن تۈزىشىدىكى تۇراقلىق تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى. رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالدى بىلەن بۇ خىل سۇرۇقنى سۈرۈش، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى دالاۋېت قەبىلىسىنىڭ ئاياللىرىدىن كەلگەن. يېڭى توي قىلغان ياش قىز ھۇجرىغا كىرگەندە، ئوغۇل بىر قېتىم قان قىلىپ پۈركۈش ئارقىلىق، قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە جىن-شەيتاننى قوغلىغان. بۇ ئادەت ھازىرغىچە ھىندىستاننىڭ بەزى رايونلىرىدا ساقلانماقتا. لېكىن، پەقەت ھەر قېتىملىق ئالاھىدە بايرامدا بۇ قىزىل رەڭلىك قۇتلۇق سۇرۇقى سۈرۈلىدۇ.

لېكىن ھازىر ئەھۋال ئۆزگەردى، كىشىلەرنىڭ قارىشىچە،  پېشانىسىگە قۇتلۇق سۇرۇقى سۈرۈش ئىنتايىن مودىلىق بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى ھىندى دىنى مۇرتلىرى ياكى باشقا دىن مۇرتلىرى بولسۇن، توي قىلغان بولسۇن ياكى قىلمىغان بولسۇن، ھەتتا نەچچە ياشلىق قىزلارمۇ قۇتلۇق سۇرۇقى سۈرۈشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت ئاياللارنىڭلا ئىشلىتىشى بەلگىلەنمىگەن.

لېكىن ئادەتتە تۇل ئاياللارنىڭ سالاھىيىتى يوق، ماڭلىيىغا قۇتلۇق سۇرۇقى سۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، بىراق يەنە ئالاھىدە ئەھۋاللارمۇ بار. ھازىر قۇتلۇق سۇرۇقىنىڭ رەڭگى ئۆزگەردى، قىزىل رەڭدىن باشقا، يەنە سېرىق، جىگەر رەڭ، يېشىل، قارا ۋە باشقا رەڭلەر، كېيىم-كېچىكىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئەگەر بىر قىز ئۇچىسىغا قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان كېيىم كىيسە، مۇشۇ بويىچە قىزىل رەڭلىك سۇرۇق سۈرىدۇ، دەپ ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە شەخسىي قىزىقىشى ئاساسەن، باشقا رەڭنى ئاساس قىلسىمۇ بولىدۇ. قارا سۇرۇق بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ.

مەسىلەن: بەزى بالىلار ئاق ھەم سېمىز، شوخ ھەم ئوماق بولسا، بەلكىم قەستەن بالىنىڭ پېشانىسىگە قارا سۇرۇق سۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. قۇتلۇق سۇرۇڭنىڭ شەكلى يۇمىلاق شەكىللىكتىن باشقا، يەنە ئۈچ بۇلۇڭلۇق، بەش بۇرجەك شەكلىدىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسەن شەخسىي قىزىقىش بويىچە بېكىتىلىدۇ. قۇتلۇق سۇرۇقىڭ تەركىب نىسبىتىمۇ بار. نەچچە خىل بوياقتىن تەييارلىنىدۇ، پېشانىسىگە سۈرۈلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، نۇرغۇن تەييار ھەرخىل رەڭدىكى ۋە ھەر خىل شەكىللەردىكى سۇلياۋ ماتېرىياللار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ھېيت-بايرام پائالىيەتلىرىدە ئاياللارنىڭ ھەممىسى سۇرۇق سۈرمىسە بولمايدۇ. ئادەتتە ئېرى بار ئايال چوقۇم سۈرۈشى كېرەك. بولمىسا ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدۇ.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى