ئامىر خاننىڭ بىر فىلىمدىكى ئۈچ خىل فىگۇرىسى تورنى زىل-زىلىگە كەلتۈردى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1450 يوللانغان ۋاقىت : 2016/12/09
elan

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى: ھىندىستان «بوللىۋود»نىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ئەر چولپىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامىرخان دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى زور ئابرۇيغا ئىگە. يېقىندا ئۇنىڭ بىر خەۋىرى مىكرو بىلوگلاردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامىرخان «Danga» ناملىق يېڭى فىلىمىدە فىلىم ۋەقەلىكىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن 28 كىلوگرام سەمىرىگەن، ئارقىدىن يەنە بەش ئاي ئىچىدە شىددەت بىلەن 25 كىلوگىرام ئورۇقلىغان ھەمدە مەشق قىلىپ، سەككىز پارچە مۇسكۇللۇق گۈزەل بەدەنگە ئىگە بولغان. ئامىرخاننىڭ يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئىككى خىل بەدەن قىياپىتى روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، تورداشلارنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان.

ئامىرخاننىڭ كەسپىنى بۇ قەدەر سۆيۈشى تورداشلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ يېڭى فىلىمى «Danga»غا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان. يېقىندا بۇ فىلىمنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى مۇقەددىمىسى ئېلان قىلىنىپ، فىلىمنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى ئېچىلغان.

ئامىرخان رول ئالغان «ئۈچ دوست»، «ئۇچقۇر ئوغرى»، «pk» قاتارلىق فىلىملەر مەملىكەت ئىچىدە كەڭ دائىرىدە تارقالغان، ھەمدە دۆلىتىمىز تاماشىبىنلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ««pk» فىلىمى 118 مىليون يۈەنلىك بېلەت كىرىمى بىلەن بوللىۋود فىلىملىرىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزغان. «ئۈچ دوست» فىلىمىدە 44 ياشلىق ئامىرخان 18 ياشلىق ئوقۇغۇچىنىڭ رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم يېڭى ئىشلەنگەن فىلىم «Danga»دا ئۇ باش پېرسوناژنىڭ 19، 29 ۋە 55 ياشلىق ۋاقىتلىرىدىكى رولىنى ئالىدىكەن. فىلىم 2016-يىل 23-دېكابىر ھىندىستان ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدىكەن، دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈلۈشىدىنمۇ ئۈمىد بار ئىكەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2016-12/07/content_570326.htm?lang=uy



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى