ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى 10 داڭلىق قاپقىچى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 546 يوللانغان ۋاقىت : 2016/11/29
elan

ئۇلار ئۆز كوماندىسىنى ۋارتاسىنى قوغدايدىغان قاپقىچى بولۇپلا قالماي، كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى ئەزا، شۇنداقلا كوماندىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. كىشىلەرمۇ ياخشى بىر قاپقىچى يېرىم كوماندىغا تەڭ دەيدۇم بۇ ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇپ دېيىلگەن گەپ ئەمەس. ESPN ھازىرقى زامان پۇتبول دۇنياسىدىكى 10 داڭلىق قاپقىچىنى باھالاپ چىقتى، ئۇنداقتا بىزمۇ بۇ ئون قاپقىچىنى كۆرۈپ باقايلى.

ESPNنىڭ باھالىغۇچىسى «تېرىستېگېن قالتىس ئىپادىسى ئۇنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزدى، ئۇنىڭ نۇقتا توپ توسۇش ئىقتىدارى بىلەن پۇت تىخنىكىسى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۇزۇن پاس يەتكۈزىشى بەزى ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىدىنمۇ ئۆلچەملىك» دېگەن.

بىراۋونىڭمۇ پۇت ئاستى تىخنىكىسى ياخشى، شۇڭا گۇئاردىيولا مانچېستىر شەھىرىگە مەشقاۋۇل بولغاندىن كېيىن ئۇنى قوشۇۋالغان، بىراق بىراۋۇ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە ھازىرغىچە ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالمىدى.

چېلسى كاپىتانى تېررى ئىلگىرى «چېخنىڭ كوماندىدا بولغاچقا كوماندىمىز ھەر پەسىل 12 نومۇردىن 15 نومۇرغىچە ئارتۇق ئېرىشىدۇ» دېگەن. چېخ ئارسېنالغا قوشۇلغاندىن كېيىنمۇ ۇەنىلا داڭلىق قاپقىچىلار قاتارىدىن چۈشۈپ قالمىدى.

ناۋاسنىڭ قولى چاققان، ھېس تۇيغۇسى يۇقىرى، ئىقتىدارى يۇقىرى قاپقىچى، ESPN باھالىغۇچىسى ناۋاس توغرىسىدا «خانلىق مادرىد ناۋاس بولغاچقىلا ۋارتادىن خاتىرجەم» دېگەن.

توتتېنھام ياكى فىرانسىيە كوماندىسى بولسۇن، لورىسنىڭ ئىپادىسى ئوخشاشلا قالتىس، شۇڭا بۇ ئىككى كوماندا ۋارتادىن خاتىرجەم. ESPN باھالىغۇچىسى «لورىس ناھايىتى يۈرەكلىك، پۇت ئاستى تىخنىكىسى ياخشى، شۇنداقلا سۈرئېتى تېز» دېگەن.

كۇرتىۋا مادرىد ئاتلېتكىدا نام قازانغاندىن كېيىن چېلسىغا قايتىپ كەلگەن، ھەمدە چېختىن ئاساسلىق قاپقىچىلىق ئورنىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنياۋى دەرىجىلىك قاپقىچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

مادرىد ئاتلېتكىنىڭ مۇداپىئەسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قاپقىچىسىمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى قاپقىچى، ئۇ ئالدىنقى پەسىل ئاران 18 توپ كەتكۈزگەن. ESPN باھالىغۇچىسى ئوبلاك توغرىسىدا «ئوبلاكتا دېھىيانىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە كۇرتىۋانىڭ پۇت تىخنىكىسى بار» دېگەن.

يېقىنقى 20 يىلدىكى ئىتالىيەلىك قاپقىچىلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بۇفاون بىلەن دەۋىرداش بولۇپ قىلىشى ئۇلارنىڭ تەلەيسىزلىكى. گەرچە 38 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، بۇفاون دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس قاپقىچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

فېرگۇسون پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى كۆپ ساندىكى توپچىلارنىڭ ئىپادىسى تۆۋەنلەپ كەتتى، بىراق دېھىيا بۇلارنىڭ سىرتىدا. دېھىيا ئۆزىنىڭ تۇراقلىق ئىپادىسى بىلەن «قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى»نىڭ مۇداپىئە سېپىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزاغا ئايلاندى.

گېرمانىيەلىك سابىق توپچى ماتىئۇس «نويېر قاپقىچىلار مەزمۇنىغا قايتىدىن ئىنىقلىما بەردى، ئۇ دائىم چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدا ھەرىكەت قىلىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق قاپقىچى، ئۇنىڭ سۈرئېتى تېز بولۇپلا قالماستىن، ئىنكاسىمۇ ئىنتايىن ئىتتىك، ئۇنىڭ پۇت تىخنىكىسىمۇ ئىنتايىن قالتىس» دېگەن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى