پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق چولپانلار تىزىملىكى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1345 يوللانغان ۋاقىت : 2016/11/16
elan

بۇ ئامېرىكا «دەۋىر» ژورنىلى تاللاپ چىققان پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق چولپانلار تىزىملىكى:

1. مايكول جېكسون، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەسىر كۈچى كۈچلۈك مودا ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، ئارتىس، رېژىسسور، پىلاستىنكا ئىشلىگۈچى، خەيىر-ساخاۋەتچى، مودا باشلامچىسى، ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن مودا مۇزىكا شاھى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ مەدەنىيەت، ئىرق، ئىقتىساد ۋە دەۋىر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تۈگىتىپ، سان-ساناقسىز كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرگەن.

2. مايكىل جوردان، ۋاسكېتبول ساھەسىدە نۇرغۇن قالتىس شەخسلەر بار، لېكىن ئەڭ يۇقىرى شان-شەرىپكە ئېرىشكۈچى يەنىلا مايكول جوردان، ئۇ NBA نى ئۆزگەرتكەن، دۇنيا ۋاسكېتبول ھەرىكىتىمۇ شۇ سەۋەبلىك ئۆزگەرگەن، ئۇ كىشىلەر قەلبىدىكى داڭلىق شەخس بولۇپلا قالماستىن بەلكى بىر نىشان.

3. «مۈشۈك شاھى» ئېلۋىس پرېسلېي (Elvis Presley)، ئۇ 20-ئەسىردىكى دۇنيا مودا مۇزىكا تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان شەخس ھېسابلىنىدۇ، ئۇ تارىختا پىلاستىنكا سېتىلىش مىقدارى مايكول جېكسوننىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان سەنئەتكار.

4. لى شياۋلۇڭ، ئۇ بىر چامباشچى، چامباشچىلىق پەيلاسوپى، پۈتۈن دۇنيادا تەسىر كۈچكە ئىگە داڭلىق جۇڭگولۇق چامباشچىلىق كىنو ئارتىسى، دۇنيا چامباشچىلىق باشلامچىسى، كەسمە مۇشتۋازلىق (截拳道) قائىدىلىرى ئاساسچىسى، ياپونلار ئۇنى گۇمپا ئاتىسى، ئامېرىكىلىقلار ئۇنى گۇمپا شاھى دەپ ئاتايدۇ، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەچچە يۈز مىليون كىنو مەستانىسى بار.

5. شىۋاسىنگېر، ئۇ ئاۋسترىيەدە تۇغۇلغان، ھەرىكەتلىك كىنو چولپىنى، ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىسى، بوكس ماھىرى، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى، سىياسىيون، ئىلگىرى ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى بولغان، ئۇدا يەتتە قېتىم دۇنيا ساغلاملىق ئولىمپىيە ئەپەندىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن.

6. جون ۋىستون لېنون (John Winston Lennon)، ئەنگلىيە مودا مۇزىكا ناخشىچىسى، ئەڭ ئۇلۇغ مۇزىكا ئەترىتى «ئۇزۇن چاچلىقلار» نىڭ ئاساسىي ناخشىچىسى، تولغىما موزىكا مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىلى، يەنە بىر تىنچلىقنى سۆيگۈچى، ئۇ پۈتۈن دۇنيادا تىنىچلىقنى تەكىتلەپ قاتراپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا بىر تال ئوق بىلەن ھاياتى ئاخىرلاشقان.

7. چەنىل، ئۇ ئۆز زامانىسىدا ھۆرمەت بىلەن «ياۋروپادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئايال» دەپ تەرىپلەنگەن، ئۇ ئۆزىگە خاس ئۆتكۈر كۆزلىرى ۋە سەزگۈرلىكى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئاسان ئېسىدىن چىقمايدىغان ئەتىرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ھازىر چەنىل پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى.

8. مادوننا، ئۇ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايال ناخشىچىلارنىڭ بىرى، «تولغىما مۇزىكا خانىشى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى دەۋىر قانداق ئۆزگەرسۇن، ئۇ يەنىلا شۇ ساھەدىكى مودا سىمۋۇلى.

9. چاپلىن، ئۇ ئاۋازسىز كىنو دەۋرىدىكى ئەڭ ياخشى كومېدىيە ئارتىسى، چاپلىن ئىلگىرى ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسىنى ۋە نەتىجىسىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى