كىچىك ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنىڭ پۇتبول ئارزۇسى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 444 يوللانغان ۋاقىت : 2016/11/16
elan

«تېڭشۈن تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىز ئۇيغۇرلاردا: «قىزلار ئايىغى چىققاندىلا ئۇسسۇل ئويناشىنى، ئوغۇللار توپ تېپىشنى بىلىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. پۇتبولدىن ئىبارەت دۇنياغا داڭلىق بۇ تەنھەرىكەت بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ ئاجايىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ياپيېشىل پۇتبول مەيدانى ياكى كەڭرى دالىلاردا، خۇددى جاھاننىڭ ئەركىسدەك ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلالايدىغان ئەزىمەتلىرىمىز نۇرغۇن. ئەنە قاراڭ، 20 نەچچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوغلانلىرىمىز ئۆزىنىڭ پۇتبول ئارزۇسى ئۈچۈن ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇاڭدۇڭ مېيجوۋغا يېتىپ كەلدى. گەرچە ئۇلار پۇتبول مەكتىپىدە ھاۋا كىلىماتى، تىل ئالاقىسى قاتارلىق قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولسىمۇ، بىراق پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئاستا-ئاستا ياپېيىشىل پۇتبول مەيدانىنى ئۆزىنىڭ «ئۇسسۇل» سەھنىسىگە ئايلاندۇرماقتا. 

قۇياش پارلاپ چىققان چۈشتىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ مېيجوۋ فۇلى چېلسى پۇتبول مەكتىپىدىكى كىچىك ئەزىمەتلەر پۇتبول مەيدانىدا مەشىق قىلماقتا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قسىمى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 20 نەچچىدىن ئارتۇق 7 ياشتىن 14 ياشقىچە بالىلار شىنجاڭدىن كەلگەن.

مېيجوۋ شەھىرى پۇتبول ماكانى. فۇلى چېلسى پۇتبول مەكتپى «يېڭى بىر ئەۋلاد پۇتبول شاھى»نى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى نىشان قىلغان. ئوخشاش بىر ئارزۇ، ئوخشاش بىر نىشاننىڭ تۈرتكىسدە، بۇ بىر توپ كىچىك ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىمىزمۇ مەكتەپكە تاللىنىپ، سېستىمىلىق پۇتبول مەشىقىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار ھەم مەدەنىيەت دەرسلىكلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ھەر ھەپتىدە 13 سائەتتىن ئارتۇق پۇتبول مەشىقى قىلىدۇ.

چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە، كىچىك ئەزىمەتلەر توپلىشىپ يانفونىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى، ھەتتا ياۋروپا، بىرازىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق چەتئەلدىكى پۇتبول كوماندىلىرىدا توپ تېپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

دانىيار ياتاقتا چېچىنى تارىماقتا. بۇ كىچىك توپچىلار پۇتبول چولپانلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرقىدا ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.

مەشقاۋۇل پۇتبول مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارغا مۇسابىقە تاكتىكىلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە. 

كىچىك توپچىلار بارلىق مەشىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ پۇتبول مەشىقى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار چىن دىلىدىن پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغانلار. ئادەتتە بۇ مەكتەپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش ھەققى يىلىغا 30 مىڭ يۈەن، ياش نوتىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن، فۇلى چېلسى پۇتبول مەكتىپى شىنجاڭدىن كەلگەن كىچىك ئەزىمەتلەرنى ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مۇرادىل مەشىق ئارىلىقىدا يۈزىنى يۇيماقتا. شىنجاڭدىن كەلگەن كىچىك توپچىلار ئۈچۈن، مېيجوۋدىكى بىر يىلنىڭ تۆتىلا پەسىلىدىكى نەم ئىسسق ھاۋارايى ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ئەڭ تەس قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى.

پۇتبول مەيدانىدا ئازراق سۈركىلىشلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. مەشقاۋۇلنىڭ ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشى بىلەن دېڭ چياۋفېڭ خالىتتىن كەچۈرۈم سورىدى.

مەدەنىيەت دەرسلىكى ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا مۇرادىل بىلەن مۇھەممەت خەنزۇ ساۋاقداشلار بىلەن چاقچاقلىشىپ ئوينىماقتا. ئۇلارنىڭ گۇاڭدۇڭغا كەلگىنىگە 4 ئاي بولاي دېدى. بۇ جەرياندا ئۇلار شۇ جايدىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىلگىرىكى ناتونۇش ئادەملەردىن ھازىرقى يېقىن دوستلارغا ئايلاندى. 

8 ياشلىق قاسىم خەتنى خاتا يېزىپ قويغاچقا، ئابدۇللا مەشقاۋۇل ئۇنىڭ بېشىنى بۇراپ يېنىدىكى مۇرادىلنىڭ يازغان خېتىنى كۆرسەتتى. كىچىكىدىنلا شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاچقا، كىچىك توپچىلارنىڭ خەنزۇتىلى ئاڭلاش، يېزىش ئىقتىدارى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. ئابدۇللا ھەر كۈنى كەچلىكى ئۇلارغا خەنزۇتىلىنى تەكرار قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تېزرەك گۇاڭدۇڭدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتىغا سىڭىپ كىرىشىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەسپىي تەرەقىقىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

مۇھەممەت ياتاقتا مۇرادىلنىڭ بېشىنى سىلىغاچ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقتا. ئۇلار كىچىكىدىنلا يۇرتىدىن ئايرىلغاچقا، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىشى كېرەك.

چۈشتىن بۇرۇنقى مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدا، ھەبىبۇل كارىۋىتىدا ئۈن چىقارماي يىغلاۋاتقان ئىدى. ئۇ: «مەن پەقەت دادام ئاپامنى ئازراق سېغىندىم شۇ» دېدى.

مۇرادىل بىلەن خالىت كەچلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن ئۆيىگە تېلېفون قىلدى. مۇرادىل غۇلجىلىق، ئۆيىدە يەنە بىر كىچىك ئۇكسى بار. ئۇكىسى دائىم تېلېفوندا ئۆزىنىڭ ئۇنى سېغىنغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ ئاپسىمۇ دائىم ئۇنى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇشقا، ئۆز ئارزۇسى بويىچە ياشاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ مەكتەپتە كىچىك توپچىلار ھەر كۈنى كەچتە ئۆزىلىرىنىڭ يانفونىنى يېرىم سائەت ئىشلىتەلەيدۇ.

12 ياشلىق ھەسەن بىلەن ھۈسەن قارامايدىن كەلگەن بىر جۈپ قوشكېزەكلەر. ئۇلارنىڭ يانفونىدا بىر ئائىلە كىشىلرىىنىڭ سۈرىتى ساقلانغان.

قاسىم بىلەن مەھمۇد مۇسابىقىگە مېڭىش يولىدا ئاپتوبۇستا ئارام ئالماقتا.

مۇسابىقىدە مۇرادىل بىر كىچىك دوست بىلەن قۇچاقلىشىپ توپ كىرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۆز كوماندىسىنىڭ غەلبىسدىن ئۇلار شادلانماي قالمايدۇ-دە!

مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇلار يەنە كۈندىلىك مەشىقىنى داۋاملاشتۇردى. ئابدۇللا مەشقاۋۇل خالىتنى بۇ قېتىمقى دەرستىن كېيىنكى تەجىرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە بۇيرىدى. ئابدۇللا شىنجاڭلىق كىچىك دوستلارنىڭ ئىچكىرىگە كېلىشىنىڭ ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىپ شىنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىق تەرەقىقياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، تېخىمۇ كۆپ ياش نوتىلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

8 ياشلىق خالىت پۇتبول مەشىق مەيدانىدىكى چىملىقتا ئارام ئالماقتا. بۇ كىچىك توپچىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى مېسسى ھەم رونالدوغا ئوخشاش داڭلىق پۇتبول چولپىنى بولۇپ، تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەردە توپ تېپىپ، دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە چاقنىغان يۇلتۇزغا ئايلىنىش!



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى