ئەزىمەتلىرىمىز ئىتالىيە ۋە گېرمانىيە كوماندىلىرىنىمۇ يېڭىپ قويدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 643 يوللانغان ۋاقىت : 2016/11/16
elan


خېنەن جېڭجۇ شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان 2016-يىللىق «بىر بەلۋاغ،بىر يول» ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇش ھەمدە خەلقئارا پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى ئىتالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىلىرىنى يېڭىپ، بىرمۇ مەيدان يېڭىلمەي،  ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلاپ قايتىپ كەلدى. 

بىر ھەپتە داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقە 11-نويابىر ئاياغلاشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى گەرچە بىر مەيدان تەڭلىشىپ، قالغان مەيدانلىرىدا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىلەن 1:1 بولۇپ تەڭلىشىپ قالغان ساھىپخان جېڭجۇ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى ئومۇمىي نومۇردا تەڭلىشىپ، كىچىك ھېسابات ئېلىپ بارغاندا، ساپ توپ سانى بىزنىڭ كوماندىمىزدىن ئىككىسى ئارتۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، چېمپىيونلۇق ئۇلارغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 2-لىككە ئېرىشىپ قالدى.

كوماندىمىزنىڭ قانداقلا بولمىسۇن، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۆزلىرىنى بىر كۆرسىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىلىرىمىزنىڭ چەتئەللىك بالىلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، كۆزى ئېچىلىدىغانغا، ئۆزلىرىنىڭ شۇ پۇتبولدا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئالاھىدە پەرقىنىڭ يوقلۇقىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلىشىغا پۇرسەت بولدى.

مەكتەپ كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى لېتىپ مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مۇسابىقە مەكتەپ پۇتبولىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇسابىقە بولۇپ، ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى ئىكەن. بىز سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى نەتىجىسىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇتبول جەھەتتە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ شىنجاڭدا كۆزگە كۆرۈندۇق، شۇنداقلا مەملىكەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەرگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، ئالاھىدە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلدۇق. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرى ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان ئىكەن، ئېچىلىش مۇراسىمى ناھايىتى داغدۇغىلىق پائالىيەتلەر بىلەن باشلاندى. مۇسابىقە ئالدىدا ۋە مۇسابىقە جەريانىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارا مەكتەپ پۇتبولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېمىسىدىكى مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ياخشى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ مۇسابىقە كومىتېتىنىڭ (بىر بەلۋاغ، بىر يول) تېمىسىدىكى بۇ مۇسابىقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، تېخىمۇ سېستىمىلاشتۇرۇش ھەم ئىزچىللاشتۇرۇش يولىدا ماڭىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈلدى. بۇ بىز ئۈچۈنمۇ ياخشى سورۇن بولالايدۇ» دېدى.

ئىگىلىنىشچە،بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەنتەربىيە، سەھىيە، سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭ ئەپەندىمۇ ئالاھىدە كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن باشلىقلار مۇنازىرە مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەكتەپ پۇتبولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ھەققىدىكى تەجىرىبىسىنى ئۆگىنىپ، جۇڭگونىڭ مەكتەپ پۇتبولىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرغان.

شاڭخەيدىن جېڭجۇغا، جېڭجۇدىن شىئەنگە، شىئەندىن ئۈرۈمچىگە، ئۈرۈمچىدىن ئوتتۇرا شەرققە، ئوتتۇرا شەرقتىن ياۋروپا، ئافرىقا ئەللىرىگىچە تۇتىشىدىغان بۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسى، مانا مۇشۇنداق پۇتبولنىڭ ئۆزىگە خاس جەلىپكارلىقى بىلەنمۇ ئېچىلىپ ماڭىدۇ ئەلۋەتتە. پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىق كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، شىنجاڭدىمۇ بىر قىسىم چەتئەل كوماندىلىرى قاتنىشىدىغان مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىنىۋاتىدۇ. مەيلى يۇرتىمىزدە ئۆتكۈزۈلسۇن ياكى قوشنا ئۆلكىلەردە ئۆتكۈزۈلسۈن، بىز شارائىتلا بولىدىكەن مۇسابىقىلەرگە كۆپرەك قاتنىشىپ تۇرۇشىمىز، شۇنداقلا شىنجاڭدىمۇ خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئىزچىل ئۆتكۈزۈپ تۇرىشىمىز كېرەك. بۇ ئارقىلىق كۆزىمىزنى ئېچىپ، تېخنىكىمىزنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو پۇتبول كوماندىسى ئۈچۈن ياراملىق مايسىلارنى يېتىلدۈرۈپ بېرەلەيمىز.

بىر ھەپتىلىك مۇسابىقىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن شەنشى پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنى؛ 0:2 نەتىجە بىلەن ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان پوتېنزا شەھىرى كوماندىسىنى؛ 1:3 نەتىجە بىلەن جېڭجۇ شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنى؛ 1:4 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەدىن كەلگەن كوماندىنى ئۇتۇپ، ساھىپخان جېڭجۇ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى بىلەن 1:1 تەڭلەشكەن. نەتىجىدە جېڭجۇ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى ئوخشاشلا تۆت مەيدان ئۇتۇق، بىر مەيدان تەڭلىشىش نەتىجىسىگە ئېرىشىپ جۇغلانما نومۇردا تەڭلىشىپ قالغان. ئەمما ساپ توپ سانى جەھەتتە ئىككى توپ ئارتۇق بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن جېڭجۇ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ 1-لىككە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 2-لىككە، جېڭجۇ شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 3-لىككە ئېرىشكەن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى