زۇلپىقار ئالتۇن كەمىرىنى دوغا تىكىدىغان بولدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 836 يوللانغان ۋاقىت : 2016/11/06
elan

ئۆتكەندە شەرق ئالتۇن كەمىرىگە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنى سۆيۈندۈرگەن ئوغلانىمىز زۇلپىقار مۇھەممەتئەلى ئەمدى ئۇ ئالتۇن كەمىرىنى دوغا تىكى، قىتئە ئالتۇن كەمىرىگە چاڭ سېلىشقا تەييارلاندى.

جۇڭگو بىلەن ھىندىستان نوپوسى ئەڭ كۆپ بولغان ئىككى دۆلەت ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتتىكى كەسپىي بوكس سەھنىسىدە 1-ئورۇندا تۇرىۋاتقان زۇلپىقار بىلەن ھېندېستانلىق ۋىيېندېر سىڭ ھەر ئىككەيلەندە خەلقئارا بوكس تەشكىلاتى (ئو ب ۋ) نىڭ بىردىن قىتئەلەر ئالتۇن كەمىرى بار بولۇپ، زۇلپىقاردىكىسى شەرق ئالتۇن كەمىرى، ۋېيېندېر سىڭدىكىسى تېنچ ئوكيان ئالتۇن كەمىرىدۇر. بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇسابىقىسى، بىر تەرەپتىن ئالتۇن كەمىرىنى ساقلاپ قېلىش يەنە بىر تەرەپتىن قارشى تەرەپنىڭ ئالتۇن كەمىرىگە چاڭ سېلىش خاراكتېرىدىكى مۇسابىقىدۇر. كىمىكى بۇ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلسا، ھەر ئىككى ئالتۇن كەمەرنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ.



ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقە 25-نويابىر ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ۋېيېندېر سىڭ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن، خەلقئارا بوكسچىلار رەت تەرتىۋىدە 58-ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندىستاننىڭ 1-نومۇرلۇق بوكسچىسى. ئۆز يۇرتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ مۇسابىقە، شۈبھىسىزكى ئۇنىڭغا جىق قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىشى شۇنداقلا ئۇنىڭغا زور كۈچ-قۇۋۋەتلەرنى قوشۇشى ئېنىق.



شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا ئۇزۇن يىل تاۋلىنىپ ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئۆتكەن يىل بېشىدىن باشلاپ، كەسپىي بوكس تەنھەرىكەتچىسى بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ۋە شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، شاڭخەيدىكى «شىڭلى شىجيا» تەنتەربىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ، كەسپىي بوكس ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ كەسپىي بوكس ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيان تېخى بىر مەيدانمۇ يېڭىلىپ باققىنى يوق. ئۇ خەلقئارا بوكسچىلار رەت تەرتىۋىدە 69-ئورۇندا تۇرىدۇ. بوكس ئۈچۈن يانغان يۈرەككە ئىگە بۇ ئوغلانىمىز، پەقەت ۋە پەقەت دۇنيا ئالتۇن كەمىرىنى بېلىگە تاقاش ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىۋاتقان ھەم تىنىمسىز مەشق ئېلىپ بېرىۋاتقان غايىلىك ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاش بىلەن بىللە، قىتئەلەر ئالتۇن كەمىرىنى بېلىگە مەھكەم باغلاپ، دۇنيا ئالتۇن كەمىرىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن يول ئاچماقچى. ئۇنىڭغا ھەممەيلەن ئۇتۇق تىلەيلى.





Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى