جېن زىدەن تۇيۇقسىز «سەمرىپ» كەتتى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1294 يوللانغان ۋاقىت : 2016/10/09
elan


جېن زىدەننىڭ كېلىشكەن مۇسكۇلى ۋە ئالاھىدە گۇمپىسى كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى، بىراق يېقىندا جېن زىدەننىڭ ئىشلىگەن بىر ئېلانىدىكى تۇرقى كىشىلەرنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى.


جېن زىدەن نەچچە كۈن ئاۋۋال ئايالى ۋاڭ شېشې بىلەن بىر كارىۋات كىرلىكىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئالغان بولۇپ، جېنزىدەن مەزكۇر ئېلاندا سېمىز بىر بالىنىڭ رولىنى ئالغان.


ئايالى ۋاڭ شېشې يانفونىنى چىقىرىپ جېن زىدەننىڭ بۇ يۇمۇرىستىك تۇرقىنى رەسىمگە تارتىۋالغان، يەنە تېخى ئۇ سۈرەتنى يۇيۇپ چىقىرىۋالغان، سەۋەبى ھەرۋاقىت جېن زىدەننى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇنىڭ ھازىرقى بەدەن ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىش ئىكەن.


مەزكۇر ئېلاندا، جېن زىدەن ئالاھىدە گىرىمچىلىكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن «سېمىز بالا»غا ئۆزگىرىپ، غەلىتە سەھنە كىيىمىنى كىيىپ، قىزىقارلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن نەق مەيداندىكىلەرنى كۈلدۈرۈۋەتكەن. ھەتتا ئايالىمۇ چىدىماي ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ، سۈرىتىنى ساقلاپ قويغان.


ۋاڭ شېشې يانفونىدا تارتىۋالغان سۈرەتنى ئۈندىدارىدىكى ئائىلە توپىغا يوللاپ قويغان، ئائىلىسىدىكىلەر سۈرەتتىكى «سېمىز بالا»نى تونىيالمىغان، تېخى ئۇنىڭ قايسى يېڭى ئارتىس ئىكەنلىكىنى سوراپ كەتكەن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى