ئارتىسلىقتىن ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك بوللىۋود چولپانلىرى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1041 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/30
elan

جەكى شىروف

جەكى شىروفنىڭ ھايات ھېكايىسى نامرات بالىنىڭ باي بولۇشىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. بۇ ئارتىس 80-90-يىللاردا ھەقىقەتەن ئېسىل فىلىملەرنى ئىشلىگەن. لېكىن ھازىر ئۇنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ئېنىق.

سەيىف ئەلى خان

سەيىف ئەلى بۇ تىزىملىكتىكى بىردىنبىر <خان> (داڭلىق تۆت خاننىڭ بىرى)، ئۇ تىزىملىكىكە قوشۇشنىڭ سەۋەبى چۈنكى‘Langda دىن كېيىن ئۇنىڭ تۇتامى بار بىرەر رولنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى كۆرمىدۇق.

سانىل شېتتىي

كىنو ساھەسى سانىل شېتتىيغا ياخشى رول يېزىپ بەرمىگەنلىكىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەك، لېكىن بىز سانىل شېتتىيدە «رول ئېلىش»دېگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلمىدۇق.


ئابېشىك باچچان

بىرەرسى كىچىك باچچانغا دادىسىنى دوراۋەرمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى تېپشىنى، ئەڭ ياخشىسى رول ئېلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشى كېرەك.


جون ئابراھام

بۇ ئارتىس «رول ئېلىش»دېگەن ئۇقۇمنى چاقچاق دەپ بىلەمدۇ قانداق، ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئىشلىگەن كىنولىرىدا بىرەرسىدىمۇ ئۇنىڭ رولغا چۆككىننى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.


ئېمران ھاشىمى

بۇ ئادەم بەلكىم ئايال ئارتىسلارنى سۆيۈشنى «رول ئېلىش» دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك. مەسىلە شۇكى، بىز ئۇنىڭدا ئازراق تالانتنىڭ ئۇچىنى بايقىغاندا ئۇ دەرھال ئەسلىگە قايتىدۇ.


ئىمران خان

ئىمران خاننىڭ تەلىيى كېلىپ كەسپىنى يۇقىرى نۇقتىدىن باشلىغان، لېكىن ئۇنىڭ بوللىۋودتىكى كەسپىي ھاياتى تولىمۇ ناچار بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىنى توغرا تاللىغان ياكى تاللىمىغانلىقى توغرۇلۇق ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك.


رانى مۇكەرجى

ئۇنىڭ يېشىنى ياكى تالانتىنى باھالىغانلىق ئەمەس، رانى ھەقىقەتەن بوللىۋود ئۈچۈن ئېسىل ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلغان. لېكىن بوللىۋود ئاللىقاچان كۆپ ئىلگىرىلەپ كەتتى، لېكىن رانىدا يېڭى نەرسىلەر يوق. ئەگەر رانى ناھايىتى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا قايتىپ كەلمىسىلا ئۇنىڭ ئارتىسلىق  ھاياتى ئاخىرلاشتى.


پرىتى زىنتا

ئەمەلىيەتتە پرىتى زىنتاننىڭ فىلىم ئىشلىمىگىنىگە ناھايىتى ئۇزۇن بولدى، ئۇنىڭ ئۆزى فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ ئۆزى باش رول ئالغان فىلىمىدە ئۇنىڭدا ئۈمىدنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان. پرىتى زىنتانتانىڭ چېكىنىدىغان ۋاقتى كەلدى.


سونام كاپور

بۇ ئارتىس قىزدا سالاھىيەت قالايمىقانچىلىقى بار، ئادەتتە كىشىلەر مودېللىقتىن ئارتىسلىققا تەرەققىي قىلاتتى، لېكىن كاپور خانقىز دەل بۇنىڭ ئەكسىچە قىلدى. بىرەرسى چوقۇم ئۇنىڭغا ئارتىسلىقنىڭ ئۇ قىلىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتىشى كېرەك.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى