رونالدو: زىدانى خانلىق مادرىدنى ئۆزگەرتتى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 559 يوللانغان ۋاقىت : 2016/08/24
elan

نۇر تورى تەرجىمىسى:

  خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ گىگانىت چولپىنى كرىستىيانو رونالدو يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ھازىرقى مەشقاۋۇلى زىدانى توغرىسىدا باھا بەردى. بۇ پورتىگالىيەلىك داڭدار چولپاننىڭ ئېيتىشىچە مەشقاۋۇل زىدانىنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىغا كېلىشى خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ سەۋيىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۆزىنى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگەن سەبداشلىرىغا رەھمەت ئېيتتى. كرىستىيانو رونالدو مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:

  «ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بىز ئانچە ياخشى ئوينىيالمىغان ئىدۇق، بىز ئېرىشكەن نەتىجىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. مەشقاۋۇل زىدانى خانلىق مادرىد كوماندىسىغا كەلگەندىن كېيىن ھەممىسى ئۆزگەردى، ئۇ خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بىز ئۇزغۇنلۇقتتا چېمپىيون بولدۇق، مەن ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرەىنى بولدۇم. ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقە مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ قالتىس بىر پەسىل، مەن ئۆزۈمنى بۇ پەسىلدە ئىنتايىن قالتىس ئوينىدىم دەپ قارايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاىتتا مەن يەنە پورتىگالىيە كوماندىسىنى 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتۈردۈم. بۇ نەتىجىلەر مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ھېسابلىنىدۇ.» 

  كېيىن ئۇ مۇشۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر نامىزاتىغا بېلەت تاشلاش سايلىمى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

  «بېل ۋە گىرىزمان بىلەن بۇ مۇكاپاتىنى تالىشالىغىنىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن.مۇشۇ مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىنغاندىن بېرى مەن ئىزچىل ئالدىنقى ئۈچ ماھىر ئىچىگە كېرىپ كىلىۋاتىمەن. ئەگەر مەن بۇ يىل مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلىسەم مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ. بۇ مۇكاپات ماڭىلا تەۋە بولماستىن، بەلكى مېنى قوللىغان سەبداشلىرىمغىمۇ تەۋە بولىدۇ.» 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى