رونالدونىڭ شەخسىي مۇزېيىغا نەزەر

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 443 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/13
elan


سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: بۇ يىل يازدا ئېلىپ بېرىلغان ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىدا، پورتۇگالىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدو يارىلىنىپ، يېڭى پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدىكى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىسدە مەيدانغا چىقىشقا ئامالسىز قالدى. ئۇ ئېھتىمال مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىردا ئۆزىنىڭ يېڭى پەسىلدىكى تۇنجى مۇساپىسىنى باشلاپ داۋاملىق ھەرقايسى تۈردىكى مۇھىم لوڭقا ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىشى مۇمكىن.



 بىر جايدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كىرىستىئانو رونالدونىڭ يېڭىدىن لوڭقىغا ئېرىشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. ئۇ بولسىمۇ كىرىستىئانو رونالدونىڭ يۇرتى-Funchal. بۇ يەردىكى مۇزېيخانىمۇ كىرىستىئانو رونالدونىڭ كۆپلىگەن لوڭقىسىنىڭ قۇشۇلۇشىنى ساقلىماقتا. ئۇنداقتا كىرىستىئانو رونالدونىڭ بۇ شەخسىي مۇزېيىدا قانداق ھېكايىلار ساقلانغان؟...بۇ مۇزېيخانا كىرىستىئانو رونالدونىڭ يۇرتى Funchal غا جايلاشقان بولۇپ،Madeira تاقىم ئارىلىدىكى ئاساسلىق پورتىنىڭ خەلق مەيدانىغا توغرا كېلىدۇ. ئەتراپنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن ياخشى، Madeira تاقىم ئارىلىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ مۇزېيخانىغا كىرمەي قالمايدۇ.



 بۇ مۇزېي 2013-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان. بۇنداق قىلىشىنى ئەسلى كىرىستىئانو رونالدونىڭ ئاكىسى پىلانلىغان. ئەينى چاغدا ئۇ خانلىق مادرىدقا ئىنىسىنى كۆرگىلى بارغاندا ئۆيدە كۆپلىگەن لوڭقىنىڭ قالايمىقان چېچىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ مۇشۇ لوڭقىلارنى مۇۋاپىق بىر جايغا قۇيۇپ ساقلاش خىيالىغا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن  CR7 موزېيى بارلىققا كەلگەن. كېيىن قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدو تېخىمۇ پارتلاپ توختىماي لوڭقىغا ئېرىشىپ (ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى، ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى، ئالتۇن توپ قاتارلىق كۆپلىگەن مۇكاپات) ئۆي كىچىك كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل 7-ئايدا كېڭەيتىپ قۇرۇلغان.



 ھازىر كىرىستىئانو رونالدونىڭ موزېيخانىسى ئىككى قەۋەت، ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 1400 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ.  گەرچە كىرىستىئانو رونالدونىڭ كەسپىي پۇتبول ھاياتى ناھايىتى چاقنىغان بولسىمۇ، بىراق مۇشۇ نەتىجىنى ياراتقان كىرىستىئانو رونالدونىڭ بۇ موزېيخانىسى كىشىلەرنى ئانچە جەلپ قىلالمايدۇ. يەنى بىر قارىغان كىشىنى ئۇنداق تېز جەلپ قىلىدىغان جاي ئەمەس، ئەلۋەتتە، مۇشۇ جايغا ساياھەتكە كەلگەن كىشىلەر ئالدى بىلەن كىرىستىئانو رونالدونىڭ نادىر ھەرىكىتى چۈشۈرۈلگەن ھەيكىلى ئالدىغا توپلىشىدۇ. بۇ ھەيكەلگە كىرىستىئانو رونالدو 1985-يىلى Madeira تاقىم ئارىلىدا تۇغۇلغان دەپ يېزىقلىق.



 ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پورتۇگالىيە ۋە ئېنگىلىز تىلىدا: «كىرىستىئانو رونالدو دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى» دېگەن سۆزمۇ بار. مۇشۇ ھەيكەلنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە دەل ئۇنىڭ مۇزىيخانىسى بار. بۇ كىرىستىئانو رونالدوغا مەنسۇپ جاي، ئۇنىڭ خانلىقىنىڭ بىر قىسمى. چۈنكى مۇشۇ ئەتراپتا كىرىستىئانو رونالدو پېستانا گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاچقان يەنە بىر ھەشەمەتلىك مېھمانخانىمۇ بار. بۇ مېھمانخانا بۇ يىل ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، جەمىي 48 ئۆيدىن تەركىپ تاپقان.



 تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، «كىرىستىئانو رونالدو» دەپ يېزىقلىق ياتاقنىڭ بىر كۈنلۈكى 135 ياۋرو، بۇنىڭدىنمۇ ھەشەمەتلىك بولغان CR7 يۈرۈشلۈك ئۆينىڭ بىر كېچىلىك باھاسى  565 ياۋرو، كىرىستىئانو رونالدونىڭ شەخسىي مۇزىيىنى زىيارەت قىلىشقا كۆپ پۇل كەتمەيدۇ، بىراق ئىشىكتىن كىرىش باھاسى بەش ياۋرو. 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا نىسبەتەن ھەقسىز. قىزىقارلىق يېرى، باھا جەھەتتە پورتۇگالىيەلىك بۇ گىگانت چولپاننىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان 7-نومۇرغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق تۈر يوق، مەسلەن: يەتتە كىشىلىك گۇرۇپ ئىشىكتىن كىرگەندە ھەقسىز ياكى يەتتە ياشلىق بالا كىرگەندە بىر دانە ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشىش دېگەندەك...ئەلۋەتتە، بۇ بىر چاقچاق خالاس! 



  مۇزېيخانىنىڭ تاملىرىدا كىرىستىئانو رونالدونىڭ ھەر خىل ھالەتتىكى رەسىملىرى ۋە شەكل چۈشۈرۈلگەن يۇقۇرى سەۋىيەدىكى رەسىملەر بار. بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر ئۇنىڭ ھەر خىل قىياپەتتىكى مەردانىلەرچە تۇرغان تۇرقىدىن ھۇزۇر ئالالايدۇ. ئۇ كىشىلەرگە قالتىس ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان. مۇزىيخانا ئىچىدە يەنە كىرىستىئانو رونالدونىڭ پورتۇگالىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ 7-نومۇرلۇق كىيىمىنى كېيگەن ھالەتتىكى موم ھەيكىلى بار. بەزى قىزغىن مەستانىلەر خەت ساندۇقى ئارقىلىق كىرىستىئانو رونالدوغا مۇزىيخانىدا ئېرىشكەن نەرسىلىرىنى يوللاپ تۇرىدۇ.



 بۇ ھەيكەللەرگە قارىغاندا، كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى يەنىلا ئۇنىڭ لوڭقىلىرى. ئۇنىڭ ئېرىشكەن لوڭقا سانى ۋە ۋاقىت دائىرسى ئېنىق خاتىرلەنگەن. مۇشۇ لوڭقىلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەر ئالدىدا نامايەن بولىدۇ. ھەقىقەتەن كىرىستىئانو رونالدو تۇغما تالانتلىق ۋە ئەڭ ئۇتۇققا ئېرىشكەن توپچى ھېسابلىنىدۇ. «دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى» دېگەن بۇ سۆز نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرىنى ئېنىقلا تالاش-تارتىشقا سالىدۇ. بۇ قىززىق تېما ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ پورتۇگالىيەلىك مۇشۇ دەۋىردىكى ۋە پۇتبول تارىخىدىكى تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ماھىرنىڭ بىرسى. 



ئۇنىڭ ئېرىشكەن بارلىق لوڭقىلىرى مۇشۇ مۇزىيخانىدا ساقلاقلىق. يەتتە يېشىدا ئانتونولى كۇلۇبىغا كىرگەندىن باشلاپ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتى داۋاملىشىۋاتقىلى 24 يىل بولدى. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېرىشكەن لوڭقا سانى 160 دىن ئېشىپ كەتتى. مۇشۇ يېقىندا ئېرىشكىنى بولسا ئۇ 8-ئاينىڭ ئاخىرى موناكوندا 2015-2016 مۇسابىقە پەسىللىك «ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى» مۇكاپاتىنى ئالدى. بىراق مۇشۇ كۆپلىگەن لوڭقىلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سەل چۈشەنگىلى بولمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سەل غەلىتە. مەسلەن: ئىلگىرى ھېچكىم ئىسمىنى بىلمەيدىغان، يەنى 13 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ لەھۋە تالىشىش مۇسابىقىسدە ئۇنىڭ «ئەڭ ياخشى توپچى» مۇكاپاتىمۇ بار.



 يەنە بەزىلىرى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق. توپ بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلارمۇ بار. مەيلى قانداقلا بولمىۇن بۇ شان شەرەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تالانتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. لوڭقا تىزىلغان مەخسۇس ئۆيدە ئۈچ ئالتۇن توپنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسسخىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا تۆت قېتىم ئېرىشكەن ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى ۋە يېقىندا فرانسىيەدە ئالغان Delaunay لوڭقىسىمۇ تىزىقلىق. Delaunay لوڭقىسى بولسا پورتۇگالىيە كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتى. ھەر تۈرلۈك لوڭقىلاردىن باشقا يەنە ئۇنىڭ كۆپلىگەن پۇتبول كىيىمىمۇ نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. 



بۇ موزىيخانىنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر ئۆي بولۇپ، بۇ كىرىستىئانو رونالدونىڭ ئەركىن پائالىيەت ئۆيىگە تەۋە. زىيارەتكە كەلگۈچىلەر بۇ ئۆيدە كىرىستىئانو رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ نادىر كۆرۈنىشىدىن ھۇزۇلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كۆرۈنۈش بولسا ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى. شۇ چاغدا كىرىستىئانو رونالدو ئويلىمىغان يەردىن يارىلىنىپ مەيداندىن ئايرىلغان. ئارقىدىن ئۇ مەيدان ئەتراپىدا سەبداشلىرىغا كۆرسەتمە بەرگەن. كۆپلىگەن پۇتبول مۇسابىقە باھالىغۇچىلارنىڭ قارىشىدا، رونالدونىڭ بۇ قىلمىشى پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى سانتوسقا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ئىكەن. بۇ ئېھتىمال رونالدونىڭ پەخىرلىنىشقە تېگىشلىك ۋە ھاياجانلىق مىنۇتلىرى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ كۆرۈنۈش قايتا-قايتا بېرىلگەن. بۇ يىل 8-ئايدا  Madeira  تاقىم ئارىلىدا كەڭ كۆلەملىك ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، 1000 دىن ئارتۇق ئاھالە ئۆيى يوق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. شۇ چاغدا بىرىنچى بولۇپ ئىئانە قىلغان چولپان دەل كىرىستىئانو رونالدو ئىكەن. 





Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى