مودرىچ: كىرىستىيانو رونالدو دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 452 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/13
elan

سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالدىنقى ئايلانما ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 2:5 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسى مودرىچ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئەمەلىيەتتە كىرىستىيانو رونالدونىڭ قايتىپ كېلىشى بىزگە نىسبەتەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ كوماندا ئىچىدىكى رولى ناھايىتى چوڭ، ئۇ قانچە كۆپ توپ تەپكەنسىرى شۇنچە كۈچلىنىدۇ.» دېدى.

كىرىستىيانو رونالدو ۋە شاۋىنىڭ يېقىنقى مەزگىلىدىكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»غا قارىتا مودرىچ: «كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولۇۋاتىدۇ، گەرچە مەن توپچىلارنى سېلىشتۇرۇش ۋە باھالاشنى ئانچە ياخشى كۆرمىسەممۇ، كىرىستىيانو رونالدو مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى، بىز ھازىر پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن كىرىستىيانو رونالدو ۋە مېسسىنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى ماھارەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىشىمىز كېرەك.» دېدى.

ئۇ يەنە ئۆز كوللېكتىپىنى ماختاپ: «خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردا نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر توپچىلار بار، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال، بۇ بىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە پايدىلىق.» دېدى.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى